Uyghur主要词典
ماكېدنىيە چوڭ قەبرىسى
دۇنيا تارىخى
گرېتسىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى سالونىكا شەھىرىنىڭ غەربىگە 85 كىلومېتىر كېلىدىغان ۋېرگىنا كەنتىدە. 1977-يىلى تېپىلغان ۋە قېزىلغان. قەبرىنىڭ تۆپىسىدە ئايلانمىسى 99 مېتىر، ئېگىزلىكى 12.8 مېتىر كېلىدىغان چوڭ توپا دۆۋىسى بار. يەر يۈزىگە 2.43 مېتىر كېلىدىغان جايدا ئوغرىلانغان مەرمەر تاش قەبرە بار (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 340 - 350). 5.18 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى جايدا بىر قەبرە تېپىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ شەكلى ئىككى ئېغىز ئۆيى بار دورىئانسلارنىڭ ئىلاھى بۇتخانىسىغا ئوخشايدۇ. قەبرىنىڭ لەمپىسى خىش تام، ئىشىكى مەرمەر تاش بولۇپ، تېخى ئېچىلمىغان. قەبرىنىڭ چىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر دانە ئاق مەرمەر تاش تاۋۇت قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە مېتال تاۋۇت قويۇلغان. تاۋۇت قاپقىقىدا نەقىشلەنگەن بىر چوڭ يۇلتۇز بولۇپ، ئۇ ماكېدونىيە جەمەتىنىڭ نۇر چاقناپ تۇرغان يۇلتۇز شەكلىدىكى بەلگىسى. قەربىنىڭ تاشقارقى ئۆيىدە يەنە بىر دانە كىچىك مېتال تاۋۇت بار. بۇ قەبرىدىن ساۋۇت، مىستىن ياسالغان كۆركەكلىك، ئالتۇن قەغەز ئورالغان پاقالچاقلىق، كۆركەم توقۇلما بۇيۇملىرى ۋە تېرە بۇيۇملىرى ھەمدە چەمبەر شەكلىدىكى ئالتۇن تاج ۋە بىر تال سەۋلىجان قېزىۋېلىنغان. قېزىۋېلىنغان نەرسىلەردىن قارىغاندا مەزكۇر قەبرە مىلادىدىن ئىلگىرى 230 - 350 ئارىلىقىدىكى قەبرە دەپ ھۆكۈمقىلىشقا بولىدۇ. <ئىلىيادا> دىكى خاتىرە ۋە قېزىۋېلىنغان نەرسىلەرنى تەھلىل قىلىشقا ئاساسەن بەزىەلر ئۇنى ماكېدونىيىنىڭ پادىشاھى فىلىپ Ⅱ نىڭ (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 382 - 336) قەبرىسى دەپ ھۆكۈم قىلغان.