Uyghur主要词典
ماكېنزې
دۇنيا تارىخى
(1) ۋىللىيام لىئون ماكېنزى (1795 - 1861) كاندا مۇستەملىكىىچلىككە قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ يولباشچىسى. شوتلاندىيىدە تۇغۇلغان. دەسلەپ سودىگەرچىلىك قىلغان. كېيىن كاندا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، تورونتو شەھەر باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. ئۇنىڭ باش مۇھەررىرلىكىدىكى <مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تەرغىباتچىسى>، <ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى> ناملىق ژۇرناللاردا، مۇستەملىكە ھۆكۈمىتىنىڭ چىركلىكىنى پاش قىلىپ، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە چاقىرغان، 1837-يىلى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. مەغلۇپ بولغاندىن ئامېرىكىغا قېچىپ كەتكەن. 1838-يىلى ئامېرىكا تەرىپىدىن بىتەرەپلىك قانۇنىغا دەخلى - تەرۇز يەتكۈزدى، دېگەننى باھانە قىلىپ بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈمقىلىنغان. قاماقتىن چىققاندىن كېيىن سىياسىي پائالىيەت بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنىپ كەلگەن. ئۇنىڭ <كانادا ۋە ئامېرىكىدا كۆرگەن - بىلگەنلىرىمدىن خاتىرىلەر> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. (2)ئالېكساندر ماكېنزىي (1822 - 1892). كانادا زۇڭلىسى (1873 - 1878). شوتلاندىيىدە تۇغۇلغان. 1842-يىلى كاناداغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئونتارىئو ئۆلكىلىك پارلامېنت ئەزاسى ۋە قوشما شتات ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. زۇڭلى بولۇپ تۇرغان مەزگىلىدە تىنچ ئوكيان تۆمۈريولى قۇرۇلۇشنى باشلىغان، كانادا ئالىي سوت مەھكىمىسىنى تەسىس قىلغان. ۋەزىپىسىدىن قالغاندىن كېيىن لىبېرالىستلار پارتىيىسىگە داۋاملىق رەھبەرلىك قىلىپ، ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆكتىچىگە ئايلانغان.