Uyghur主要词典
گانودېرما زەمبۇرۇغى
بىئولوگىيە
زەمبۇرۇغلار تىپى، بازىدىيىلىك زەمبۇرۇغلار سىنىپى، كۆپ تۆشۈكلۈك زەمبۇرۇغلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. زەمبۇرۇغ قالپىقى پۇرۇپكىلاشقان بولۇپ، بۆرەكسىمان بولىدۇ؛ رەڭگى قىزغۇچ قوڭۇر، قىزغۇچ بىنەپشەرەڭ ياكى قارامتۇل بىنەپشەرەڭ بولىدۇ، سىرلىغاندەك پارقىرايدۇ، ھالقىسىمان قىر ۋە نۇرسىمان پۈرمىلەر بوىدۇ، چوڭ - كىچىكلىكى ئادەتتە 4 × 3 سانتىمېتىر، چوڭ تىپتىكىلىرى 20 × 10 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ، قېلىنلىقى 5.0 - 1 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ تۆۋەن تەرىپى ئاچ سېرىق بولۇپ، سانسىزلىغان تۆشۈكچىلەر بولىدۇ. زەمبۇرۇغ سېپى يانداش يەنى زەمبۇرۇغ قالپىقىنىڭ دىئامېتىرى ئۇزۇن تەرىپىدە ئۆسىدۇ، رەڭگى قوڭۇردىن قارىغا ئۆزگىرىدۇ. پارقىراق ۋە مۇستەھكەم بولىدۇ. تاغلىق رايونلاردىكى قۇرۇق چۆللۈكنىڭ يېنىدا ياكى يىلتىزىدا ئۆسىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سۈنئىي ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ. ئۇنى سۇيۇقلۇقنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ھاۋا ئۆتكۈزۈپ ئۆستۈرۈپ، زەمبۇرۇغ يىپچە تەنچىسىنى ھاسىل قىلغاندىن كېيىن دورىغا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. جۇڭگوچە دورىلارغا دائىم ئۇنىڭ خالتىلىق سپورا تېنى ئىشلىتىلىدۇ. خالتىلىق سپورا تېنىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى ئازراق تاتلىق بولۇپ، ئوزۇقلاندۇرۇش، كۈچەيتىش، مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇش، ياللۇغنى قايتۇرۇش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، قوۋۇرغىنى كۈچەيتىش ئۈنۈمى بار. ئۇ ئاساسەن نېرۋا ئاجىزلىق، سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى، بۆرەك جامى ياللۇغى، كانايچە زىققىسى، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق قاتارلق كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. گانودېرما زەمبۇرۇغى يەنە مەنزىرە ئۆسۈملۈكىمۇ قىللىنىدۇ. بۇخىل زەمبۇرۇغدىن پايدىلىنىپ يېرىق سىلليۇلوزا ئېنزىمى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.