Uyghur主要词典
گاھى
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
بەزەن، بەزى ۋاقىت، گاھى. «گاھ» قا قاراڭ.
بىناگاھ تارتىپ ئۇزۇن ئاھى سەرد،
مۇناجات قىلدى بەدەر گاھى فەرد.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
بەزىدە، بەزەن، يا، ياكى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ۋاقىتنىڭ ئايرىم قىسمى.
بەزىدە ھەسەلمۇ ئاچچىق تېتىيىدۇ. ئادەم بەزىدە ئازىدۇ، ئات بەزىدە مۈدۈرىدۇ. ئاپتاپ قانچىلىك بولسىمۇ روشەن، بىر پارچە بۇلۇتمۇ يوشۇرىدۇ بەزەن. گاھى خۇدا بىلەن رۇسۇل، گاھى دۇتار بىلەن ئۇسسۇل. كامالەتكە يەتكەن ئادەممۇ گاھىدا خاتالىشىدۇ. ناگان - ناگاندا كەلسەڭ، جاي - جايىدا كۈتىدۇ. ناگان - ناگاندا ئوق ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
«گاھ» قا قاراڭ.
گاھى خۇدا بىلەن رۇسۇل، گاھى دۇتار بىلەن ئۇسسۇل (ماقال).