Uyghur主要词典
گاۋجاۋ جەمەتى سۈلۈكى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگو ئىسلام دىنىدىكى قادىرىيە سۈلۈكىنىڭ تارمقى بولۇپ، بۇ سۈلۈكنى گەنسۇ لىنشالىق گاۋ - جاۋ جەمەتىدىكى ما يەھيا قۇرغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ما يەھيا باۋئەن مىللىتىدىن بولۇپ، دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئەنتۇ سۈلۈكىگە مۇرىد بولغان. 1920 - يىلى ئەتراپىدا مەھەللىسىدىكى ۋاڭ رومۇزەن، ماۋجۇ قاتارلىق توققۇز كىشى بىلەن ئەنتۇ سۈلۈكىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مەھەللىسىدە دىن تەبلىغ قىلىشنى باشلىدى، ماۋۇجۇ، مالىك قاتارلىق ئالتە ئادەم ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىگە ھەممىدىن بۇرۇن قاتناشتى ھەمدە جىلغىدىكى جىم جايدا زىكر سالدى، ئەنتۇ سۈلۈكىنىڭ ئىمامى فەتھۇل بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئۇنى دەرھال ئەنتۇ سۈلۈكىدىن چىقىرىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ما يەھيا ۋە ۋاڭ ئابدۇ قاتارلىق توققۇز ئادەم چىڭخەيگە بېرىپ، بىر تەرەپتىن دىننى تەبلىغ قىلدى. بەش يىلدىن كېيىن يۇرتىغا يېنىپ كېلىپ دىنىي تەبلىغات بىلەن شۇغۇللاندى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، گاۋ، لى كەنتلىرىدىكى باۋ ئەنلەر بۇ سۈلۈككە قاتناشتى. ئىمام ما يەھيا ۋە ۋاڭ ئابدۇنى يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، 1928 - يىلىدىن باشلاپ ئۇلارنىڭ ئادەملىرى دىنىي پائالىيەتنى مەخپىي داۋاملاشتۇردى. بۇ سۈلۈك يوقىلىپ كەتمىدى. بەلكى ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچىنى كۈچەيتتى. 1985 - يىلىدىن كېيىن گۈمبەز سالدى، گاۋ - جاۋ جەمەتى سۈلۈكنىڭ ئاساسىي دىنىي ئەقىدىسى ۋە قائىدە - يوسۇنى شۇكى، <قۇرئان كەرىم> گە ۋە ھەدىسكە ئەمەل قىلىپ، بەش پەرزنى ئادا قىلغاندىن باشقا، ئادەتتە كېچىلىرى توپلىشىپ <ئەمەل> پائالىيەتلىرىنى قىلىدۇ؛ كوللېكتىپ زىكر سېلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە گۈمبەزدە كۈجە يېقىپ، دۇئا - تىلاۋەت قىلىدۇ. ئايال ئىمام دىنىي ئىشلارغىلا مەسئۇل بولىدۇ. بىۋاستە خەتمە قۇرئان ئوقۇمايدۇ ۋە <ئەمەل> گە باشچىلىق قىلمايدۇ. ئۇلاردا ما يەھيا، ۋاڭ ئابدۇ، ماتاۋخۇا، ما قايشىلار ئىمام بولدى. ئادىمى مىڭدىن ئاشتى. ئاساسلىقى گەنسۇ لىنشادىكى گاۋ - جاۋ، لى جا قاتارلىق جايلاردا ياشايدۇ.