Uyghur主要词典
گاھ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
گاھ، گاھى، گاھىدا؛ بەزى، بەزىدە: ۋاقىت:
سۆز تەركىبىدە كېلىپ جاي، ماكان، ئورۇن مەنىلرىنى ئىپادىلەيدۇ:
باغ، دەم ئالىدىغان جاي.
1. ئەرشىنى ئۇنتمە گاھ ياد ئەت،
ۋەسلىڭدىن بەلكى ئانى شاد ئەت.
ئەرشى.
2. جىلۋەگاھىڭ گاھ باغۇ گاھ راغ،
مۇفتەخىر زىبالىغىڭدىن راغۇ باغ.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ۋاقىت، چاغ، زامان؛ ئورۇن، جاي؛ تەخت؛ ئاۋاز؛ ئوچاق، مەش.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە سۈپىتىدە ۋاقىت، زامان ياكى ئورۇننى بىلدۈرۈپ كېلىدۇ: شامگاھ - كەچقۇرۇن، ، كەچكى شەپەق، كەچكى تاماق؛ خوابگاھ - ياتاق، كارۋات.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
باغل. جۈملە بۆلەكلىرىنى ياكى ئىككى ئاددىي جۈملىنى باغلاش ۋەزىپىسىدە كېلىپ، <بەزەن، بەزى، بەزىدە> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
گاھ ئۇنداق، گاھ مۇنداق.
ئەلانۇر گاھ ئۇلۇغ - كىچىك تىنىپ لېۋىنى چىشلەيتتى، گاھ ئاغزىنى ئۆمەللەپ نېمىنىدۇر دېيىشكە تەمشىلەتتى - يۇ، جۈرئەت قىلالمايتتى.
ئىم. ئوۋچىلار ئوۋ ئوۋلىغاندا، قۇشلارنى ئۇچۇشقا، ئاڭنى تۇتۇشقا ئۈندەش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.