Uyghur主要词典
گاندالا
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى ھىندىستاندىكى ھەممىدىن بەك كەمسىتىلگەن كاستې (تائىپە). ئەسلى تاغ ئورمانلىقىد تۇرىدىغان قالاق قەبىلىدىن تەركىب تاپقان. <مانۇ قانۇنى> دا ئۇلار <ئادەملەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ پەسلەر> دېيىلگەن. ئۇلار يېزا - كەنتلەرنىڭ سىرتىدا تۇرشى كېرەك، مۆمىن پۇقرالار ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلماسلىق كېرەك، كېچىلىرى يېزا - كەنت ۋە شەھەر ئەتراپىدا يۈرمەسلىكى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. خاتىرىلەرگە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ كەسپى قاسساپلىق، ئىگىسى چىقمىغان جەسەتلەر ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى توشۇش كېرەك ئىكەن. شەرقىي جىن سۇلالىسى دەۋردىكى فاشيەن ئۆىنىڭ ھىندىستانغا قىلغان ساياھىتى ھەققىدىكى خاتىرىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: <گاندالالار يامان ئادەملەر دەپ ئاتىلىدىكەن، باشقىلاردىن ئايرىم تۇرىدىكەن، شەھەرگە كىرسە، توقماقنى تاقىلدىتىپ ئۆىنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى بىلدۈرىدىكەن؛ كىشىلەر ئۇنى كۆرۈپلا ئۆزىنى چەتكە ئالىدىكەن، ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمايدىكەن>. ئۇلار ئەمەلىيەتتە قەدىمكى ھىندىستاندىكى ئۇچراشقىلى بولمايدىغان قارا خەلق ئىدى.