Uyghur主要词典
گانتېل
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛نېمىسچە
تەنتەربىيە
ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تەنھەرىكىتى ۋە گىمناستىكىدا ئىشلىتىلىدىغان ياردەمچى مەشىق سايمانلىرىنىڭ بىرى، شەكلى ئىككى خىل.
بىر خىلى، مۇقىم گانتېل. بۇ ياغاچ ۋە تۆمۈردىن تۇتقۇچنىڭ ئىككى تەرىپىگە ساقىسىمان چويۇن ياكى تۆمۈر ئورنىتىلىپ ياسالغان. يەنە بىر خىلى، تەڭشىگۈچلۈك گانتېل. بۇ تۇتقۇچنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئاجرىتىشقا بولىدىغان، ئېغىرلىقى ئوخشاشمايدىغان تۆمۈر تەخسە ئۆتكۈزۈلۈپ ياسالغان.