Uyghur主要词典
بۇخارېست يىغىنى
دۇنيا تارىخى
1960-يىل 6-ئاينىڭ 24-، 26-كۈنلىرى 12 دۆلەتنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە ئىشچىلارپارتىيىسى ۋەكىللەر ئۆمۈكلىرىنىڭ بۇخارېستتا رومىنىيە كومپارتىيىسىنىڭ 3-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە ئاچقان يىغىنى. قاتناشقۇچىلار: ئالبانىيە، بۇلغارىيە، ۋېنگرىيە، ۋيېتنام، سابىق گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، جۇڭگو، چاۋشىيەن، سابىق موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى، پولشا، رومىنىيە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە چېخسولوۋاكىيىدىن ئىبارەت. ئەسلىدە دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر كوممۇنىستىك پارتىيىلىرى ۋە ئىشچىلار پارتىيىلىرى يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن دەسلەپكى قەدەمدە پىكىر ئېلىش ۋە ھېچقانداق قارار ماقۇللىماسلىققا كېلىشكەن. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە خېتى< بوھتان چاپلىغان ۋە ھۇجۇم قىلغان. يىغىنىدا خرۇششبۋ جۇڭگو كومپارتىيىسىگە قورشاپ ھۇجۇم قىلىشنى ئۇيۇشتۇرغان ھەمدە سۆھبەتنىڭ ئاخبارات لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاخباراتنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا ھەرقايسى پارتىيىلەردىن پىكىر ئېلىنمىغان، بەلكى يەنە سۆھبەتتە يېتەرلىك دەرىجىدە نورمال مۇزاكىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا يول قويۇلمىغان. بۇ ئىش تۈپەيلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن تىغمۇ تىغ كۈرەش ئېلىپ بارغان. جۇڭگو كوممنىستىك پارتىيىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇملۇقنى نەزەردە تۇتۇپ، تۈزىتىلگەن لايىھىنى مۇزاكىرىگە قويغان ھەمدە سۆھبەت ئاخباراتىغا ئىمزا قويغان. يەنە 6-ئاينىڭ 26-كۈنى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: كەسكىن ھالدا >پارتىيىمىز پەقەت ماركسىزم - لېنىنىزم ھەقىقىتىگىلا ئىشىنىدۇ. ئەكسىچە ماركسىزم - لېنىنىزمغا خىلاپ كېلىدىغان خاتا كۆز قاراشلارغا ھەرگىزمۇ تىز پۈكمەيدۇ< دەپ كۆرسەتكەن.