Uyghur主要词典
بۇخارا خانلىقى
دۇنيا تارىخى
ⅩⅥ ئەسىردىن ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە مەۋجۇت بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى فېئوداللىق دۆلەت. ئامو دەرياسىنىڭ شەرقىي شىمالىي رايونىدا 1500-يىلى ئۆزبېكلەرنىڭ باشلىقى شەيبانى خان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تېمۇىيلەر ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، شەيبانىيلار سۇلالىسىنى (1500 - 1598) قۇرغان. ئەسلىدىكى پايتەختى سەمەرقەند بولۇپ، 1561-يىلى پايتەختىنى بۇخاراغا كۆچۈرگەنلىكتىن، خانلىقىمۇ بۇخارا خانلىقى دەپ ئاتالغان. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا دۆلەت كۈچىيىپ، پەرغانە، تاشكەنت ۋە خوراسانلارنى تارتىۋالغان. ئاستىراخان خاندانلىقى ياكى جاند خاندانلىقى ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە (1599 - 1753) فېئوداللىق ئىچكى نىزالار ھەم قوشنا مەملىكەتلەر بىلەن ئۈزلۈكسىز ئۇرۇش قىلىش ئاقىۋىتىدە كۈچى زەئىپلەشكەن. 1740-يىلى بىر مەزگىل پېرسىيە پادىشاھى نادىر شاھ تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. ماڭغىت خانلىقى ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە (1753- 1920) خىۋا خانلىقى بىلەن كۆپ قېتىم ئۇرۇشقان. كېيىن روسىيە ئوتتۇرا ئاسىيا تەرەپكە قاراپ كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، 1868-يىلغا كەلگەندە روسىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلىىپ قالغان. 1920-يىلى فېئودال ھۆكۈمرانلىق ئاغدۇرۇلۇپ، بۇخارا خەلق سوۋېت جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 1925-يىلى نامى ئۆزبېكستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتىلگەن.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<ئۆزبېك خانلىقى> مۇ دېيىلىدۇ. بۇ يەردە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىسلام خانلىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ خانلىق 16 - ئەسىردىن 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئامۇ دەرياسىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى رايوندا قۇرۇلدى. 1500 - يىلى ئۆزبېكلەرنىڭ باشلىقى شەيبانىخان ئوتتۇرا ئاسىياغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، تۆمۈرلەڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇۋېتىپ، سەمەرقەنتنى پايتەخت قىلىپ، شەيبانىيە سۇلالىسى (1500 - 1598) نى قۇردى. 1561 - يىلى پايتەختنى بۇخاراغا يۆتكەپ، بۇخارا خانلىقى دەپ ئاتىدى. ئابدۇللاخان (1583 - يىلىدىن 1588 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) دەۋرىدە خانلىق كۈچىيىپ، ماۋەرائۇننەھر رايونىنى بىرلىككە كەلتۈردى ھەمدە غەربكە كېڭەيدى. ئاستراخان (1599 - 1753) دەۋرىدە ئىچكى تەپرىقىچىلىك ۋە سىرتقى پاراكەندىچىلىك ئۈزۈلمىدى، خانلىق خارابلاشتى. 1740 - يىلى پرسىيە پادىشاھى نادىرشاھ بىر مەھەل ئىشغال قىلدى. مەنگىت سۇلالىسى (1753 - 1920)قۇرۇلغاندىن كېيىن، قوشنا ئەللەر بىلەن تىنماي ئۇرۇشتى، رۇسىيە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كىرىپ كەلدى. 1868 - يىلى رۇسىيىنىڭ ھامىيىلىقىدىكى خانلىق بولۇپ قالدى.