Uyghur主要词典
بۇخارا دۆلىتى
دۇنيا تارىخى
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەت. ئورنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇخارا رايونىدا. دەسلەپ سوغدىياناغا تەۋە بولغان. جاۋۇپ دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. سودا ئىشلىرى تەرەققىي تاپقان بولۇپ، جۇڭگو بىلەن قويۇق سودا قىلىپ كەلگەن. مىلادى ⅩⅡ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، جۇڭگو تاڭ سۇلالىسى غەربىي تۈركلەرنى تارمار قىلغاندىن كېيىن، تاڭ سۇلالىسىگە تەۋە بولغان. Ⅷ ئەسىرنىڭ باشلىرى ئەرەبلەر تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. Ⅷ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى شەرق قوزغىلىڭى پارتلىغان. ئۇنىڭدىن كېيىن يەرلىك خەلقلەر يەنە ئەرەبلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مۇكەننا قوزغىلىڭىغا قاتناشقان.