Uyghur主要词典
بۇخارىن
دۇنيا تارىخى
سوۋېت ئىتتىپاقى <ھەقىقەتەن گېزىتى> نىڭ باش تەھرىرى. موسكۋادا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. موسكۋا داشۆسىدە ئوقۇغان. 1906-يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكرات ئىشچىلار پارتىيىسىگە ئەزا بولغان. 1908-يىلى موسكۋا پارتكومىنىڭ ھەيئەت ئەزالىقىغا سايلانغان. كۆپ قېتىملاپ تۈرمىگە ئېلىنغان، سۈرگۈن قىلىنغان. 1911-يىلى گېرمانىيىگە قېچىپ بارغان. ئىككىنچى يىلى ۋېناغا كۆچۈپ كېلىپ، <ھەقىقەتە گېزىتى> بىلەن <چولپان> ژۇرنىلىغا ماقالە يېزىپ تۇرغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاش ھارپىسىدا، ئاۋسترىيىدىن قوغلىنىپ، شۋېتسىيە، شۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بارغان. 1916-يىلى نيۇ - يوركتا رۇسچە <يېڭى دۇنيا> گېزىتىدە تەھرىرلىك قىلغان. فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن دۆلىتىگە قايتىپ كېلىپ، روسىيە مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا، موسكۋا سوۋېت ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا، پارتىيىنىڭ موسكۋا ئەزالىقىغا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەزالىقىغا سايلانغان، <سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ئەزالىرى> گېزىتىنىڭ ۋە <سپارتاك> ژۇرنىلىنىڭ باش تەھرىرى بولغان. 1917-يىلى 10-ئايدا موسكۋا ھەربىي ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئۆكتەربى ئىنىلابىدىن كېيىن، ئۇزۇن مۇددەتكىچە <ھەقىقەت گېزىتى> نىڭ باش تەھرىرى بولغان. 1918-يىلى ئۆزىنى <سولچى كوممۇنىزمچىلار> دەپ ئاتاپ، <برېست شەرتنامىسى> نى ئىمزالاشقا قارشى تۇرغان. 1920-يىلىدىن باشلاپ روسىيە كوممۇنىستلار (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى مەركىزىي سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، سوۋېت ئىتتىپاقى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1928 - 1929-يىللىرى، دۆلەتنىڭ سانائەتلەشتۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى كوللېكتىپلاشتۇرۇشقا قارىتا باشقىچە پىكىردە بولغانلىقتىن، تەنقىدكە ئۇچرىغان. 1929-يىلى <ھەقىقەت گېزىتى> نىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ھەمدە سىياسىي بيۇرودىن چىقىرىۋېتىلگەن، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالمۇ ئۇنى ھەيئەت رىياسىتى ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان. 1931-يىللىرى <خەۋەر گېزىتى> نىڭ باش تەھرىرى ھەمدە موسكۋا داشۆسىنى قوشۇمچە پروفېسسورى بولغان. 1937-يىلى پارتىيىدىن قوغلانغان. 1938-يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى رىكوۋ قاتارلىق 16 ئادەم بىلەن بىرگە ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ <دۇنيا ئىقتىسادى ۋە جاھانگىرلىك>، <كوممۇنىزم ھەققىدە A، B، C>، <ئۆتكۈنچى دەۋرىگە ئىگىلىك>، <تارىخىي ماتېرىيالىزم نەزەرىيىسى>، <ماركسىزمچى لېنىن> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.