Uyghur主要词典
بۇخارى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مۇھەددىس. سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئالتە چوڭ ھەدىس كىتابىنى توپلىغان ئۆلىمالارنىڭ بىرى. بۇخارادا تۇغۇلغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بالىلىق ۋاقىتلىرىدىلا <قۇرئان كەرىم> نى يادىلاپ بولغان، ئەرەبچىنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن، ئىلمىي ھەدىسكە بېرىلىپ، نۇرغۇن ھەدىس توپلىغان. 16 يېشىدا ئانىسى ۋە ئاكىسى بىلەن مەككىگە ھەج قىلىپ بارغان؛ ھىجازدا ئازراق تۇرغاندىن كېيىن، خەلىپە ئىمپېرىيىسىگە تەۋە جايلارنى ئايلانغان. خۇراساندىن مىسىرنىڭ ئىلىم مەركەزلىرىگىچە بېرىپ 16 يىلى ئىچىدە مىڭدىن ئارتۇق شەيخ، ئىمامدىن ھەدىس توپلىغان. كېيىن ھەدىسلەرنىڭ راست - يالغانلىرىنى ئايرىپ، ھەدىس شېرىپ (سەھىھۇل بۇخارى) نى تۈزۈپ چىققان. ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرىدا يۇرتىغا يېنىپ كېلىپ، يەنە سەپەرگە چىققان. سەمەرقەنتتىكى كىچىك بازاردا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ شاگىرتى مۇسلىم بىننى ھەججاج <سەھىھۇل مۇسلىم> نى تۈزۈپ چىققان."