Uyghur主要词典
بېتلېن
دۇنيا تارىخى
(1874-1946) ۋېنگرىيە زۇڭلىسى (1921-1931). گراف. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1901-يىلى پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1918-1919-يىللىرى ۋېنگرىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتىگە قارشى تۇرۇپ ۋېنادا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. 1919-يىلى 4-ئايدىن 7-ئايغىچە ۋېنگىرىيە خورتې ھۆكۈمىتىنىڭ ۋېنادا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ۋەكىلى بولغان. 1921-يىلدىن باشلاپ زۇڭلى بولغان. ئىككىنچى يىلى چوڭ پومېشچىك ۋە چوڭ بۇرژۇئازلارنىڭ مىللىي بىرلىكى پارتىيىسىنى تەشكىللىگەن. زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىللىرىدە ئىچكى جەھەتتە ئەكسىيەتچىل سىياسەت يۈرگۈزۈپ، تاشقى جەھەتتە فاشىست ئىتالىيىسىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ، 1927-يىلى ئىتالىيە بىلەن <دوستلۇق شەرتنامىسى> ئىمزالىغان. 1936-يىلى زوراغالىق مەسلىھەتچىسى ۋە يۇقىرى پالاتانىڭ ئۆمۈرلۈك ئەزاسى بولغان. 1940-يىلى فاشىست گېرمانىيىسىنىڭ ۋېنگرىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ بېسىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ،گېرمانىيىگە قوشۇۋېتىلىدىغان <بېرلىن شەرتنامىسى>نى ئىمزالاشقا قارشى چىققان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى ئەنگىلىيەئامېرىكا بىلەن ئايرىم ئايرىم شەرتنامە تۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان ۋە شۇ ئارقىلىق خورتې مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ ھالاكىتىنى توسۇپ قالماقچى بولغان. 1945-يىلى سوۋېت ئارمىيىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا يالاپ ئېلىپ كېتىلگەن.