Uyghur主要词典
بېتا ئوكسىدلىنىش رولى
بىئولوگىيە
ياغ كىسلاتالىرىنىڭ جانلىقلار تېنىدىكى مۇھىم كاتابولىزىم ئوسۇلىدۇر. ياغ كىسلاتالىرىنىڭ كاربون زەنجىرى ئوكسىدلانغاندا، زەنجىرىنىڭ β - ئورنىدىكى كاربوندىن ئۈزۈلىدۇ، شۇ سەۋەبتىن <β - ئوكسىدلىنىش> دەپ ئاتىلىدۇ. بەش باسقۇچلۇق رېئاكسىيىدىن ئۆتۈپ، ھەر قېتىمدا بىر C 2 لىق بىرىكمە ئۈزۈلىدۇ: (1) ATP نىڭ ئاتىلىشى، ئاتسىل CoA سىنتېرازىنىڭ كاتالىزىشى بىلەن ياغ كىسلاتاسى ئاقسىل CoA غا ئايلىنىدۇ. (2) ئاتسىل CoA ھىدروگېنسىزلىنىپ، α، β - ئىنويىل CoA ھامتېل بولىدۇ. (3) ئۇنىڭغا ئۇلىنىپلا ئىنويىل CoA گىدراتازىنىڭ كاتالىزلىشى بىلەن β - گىدروكسى ئاتسىل AoA ھاسىل بولىدۇ. (4) β - گىدروكسى ئاتسىل CoA ھىدروگېنسىزلىنىپ، β - كېتوئاتسىل CoA نى ھاسىل قىلىدۇ. (5) β - كېتوتىئولارنىڭ كاتالىزاتورلۇقىدا β - كېتو ئاتىل CoA، ئاتسېتىل CoA ۋە (n - 2) يۇقىرىدا بايان قىلىنغان جەريانلارنى ئايلىنىپ كېلەركى بىر β - ئوكسىدلىنىشتا زەنجىرى ئۈزۈلۈپ ئاتسېتىل CoA نى ھاسىل قىلىدۇ. جۈپ كاربون ئاتومى (Cn) غا ئىگە ياغ كىسلاتالىرى ئوكسىدلانسا، n دانە ئاتسېتىل CoA، تاق كاربون ئاتوملۇق Cn + 1 لىرىدىن n - 1 دانە ئاتسېتىل CoA ۋە بىر مالۇنىل CoA ھاسىل بولىدۇ. پالمىتات كىسلاتاسى β - ئوكسىدلىنىش ۋە ئۈچ كاربوكسىللىق كىسلاتالار ئايلانمىسى ئارقىلىق سەككىز مولېكۇلا ئاتسېتىل CoA ھاسىل قىلىدۇ، يەتتە جۈپ ئېلېكترونى فلاۋىنلىق سىستېما نەپەس زەنجىرى ئارقىلىق ۋە يەتتە جۈپ ئېلېكترونى NADH زەنجىرى ئارقىلىق ھاسىل بولغان ئېنېرگىيىدىن (34 +96) 130 ATP, 160, 146 مولېكۇلا H2O ۋە 16 مولېكۇلا CO2 ھاسىل بولىدۇ.