Uyghur主要词典
بېبېل
دۇنيا تارىخى
(1840-1913)گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. نامرات ئائىلىدىن چىققان. سېلىسار بولغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا سوتسىيالىزم ھەرىكىتىگە ئاتلانغان. لېيپىسىگ ئىشچىلار مائارىپى جەمئىيىتىگە كىرىپ، ماركىسىزمچىغا ئايلانغان. 1867-يىلى گېرمانىيە ئىشچىلار جەمئىيىتى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. شۇ يىلى شىمالىي گېرمانىيە فېدراتىپىنىڭ پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلىنىپ، پارلامنتتىكى ئىشچىلىقتىن چىققان تۇنجى ۋەكىل بولۇپ، بىسماركنىڭ <تۆمۈرقان سىياسىتى>گە قەتئىي قارشى تۇرغان، تۆۋەندىن يۇقىرىغىچە ئىنقىلابىي يول بىلەن گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. 1869 - يىلى ۋىلھېلم لىبكنېخت قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى (ئېيزىناخچىلار)نى قۇرغان. پرۇسسىيە فرانسيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئىنتېرناتسىئونالىزم مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، پارىژ كوممۇنىسىنى قىزغىن قوللىغان. 1871-يىلى 3-ئايدا، گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1872-يىلى پارلامېنتتا ھەربىي ئىشلار ئۈچۈن پۇل ئاجرىتىشقا، ئالساسېلوررېننى يۇتۇۋېلىشقا قارشى ئاۋاز بەرگەنلىكتىن، ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلدى دەپ قارىلىنىپ، ئىككى يىل قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان، كېيىن يەنە <پادىشاھقا بىھۆرمەتلىك قىلىش جىنايىتى> ئۆتكۈزدى، دەپ يەنە توققۇز ئاي نەزەربەند قىلىنغان. 1875-يىلى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، ئېيزىناخچىلار بىلەن لاسسالچىلار بىرلەشكەن گوتا قۇرۇلتىيىغاقاتناشقان ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان. 1878-1890-يىللىرى <سوتسىيالىستلارغا قارشى پەۋقۇلئاددە قانۇن> يولغا قويولغان مەزگىلدە، قىيىن شارائىت ئاستىدا، پارتىيىگە رەھبەرلىك قىلىپ يوشۇرۇن ھالەتكە كۆچۈپ كۈرەش قىلىپ، ئىنقىلابىي كۈچلەرنى ساقلاپ قېلىش ۋەتوپلاش يولىدا كارامەت تۆھپە قوشقان. ئىككىنچى ئىنتىرناتسىئونالنى قۇرۇش ئىشىغا ئاكتىپ قاتناشقان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا بېرنىشتېين رېۋزىئونىزمىغا قارىتا كۈرەش ئېلىپ بارغان. لېكىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئۇرۇش، مىللەت ۋە مۇستەملىكە قاتارلىق مەسىلىلەردە بىتەرەپچىلىك خاتالىقىنى ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن <تەرجىمىھالىم>، <خرىستىئان دىنى ۋە سوتسىيالىزم>، <ئاياللار ۋە سوتسىيالىزم> قاتارلىقلاربار.