Uyghur主要词典
بېتخوۋېن
يۈز مەشھۇر شەخىس
1770 - 1827
تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ كومپوزىتور بېتخوۋېن 1770 - يىلى گېرمانىيىنىڭ بونت شەھىرىدە تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋرىدىلا ئۇنىڭ مۇزىكا جەھەتتىكى تالانتى كۆرۈلۈشكە باشلىغان. ئۇ تۇنجى ئەسىرىنى 1783 - يىلى يېزىپ چىققان. ئۇ ۋېناغا بېرىپ موزاتنى ئۇستاز تۇتقاندا تېخى ياشلا بالا ئىدى. بىراق ئانىسى تۈگەپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىككى ئاي ئۆگىنپلا بوننىغا قايتىپ كەلگەن. 1792 - يىلى ۋېناغا قايتا بېرىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ داڭلىق كومپوزىتور خايدندىن كومپوزىتورلۇقنى ئۆگىنىدۇ (بۇنىڭ ئالدىنقى يىلى مۇزارت ئالەمدىن ئۆتكەنىدى). شۇنداق قىلىپ بېتخوۋېن ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيانىڭ مۇزىكا پايتەختى ۋېنادا ئولتۇراقلىشىپ قېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
بېتخوۋېننىڭ پىئانىنو چېلىش ئىقتىدارى تاماشىبىنلارغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئۇ ئالدى بىلەن ئورۇنلىغۇچى ۋە پروفېسسورلۇقى بىلەن تونۇلدى، كېيىن نۇرغۇن ئەسىرى بار كومپوزىتور بولۇپ قالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنى مەتبۇئە سودىگەرلىرىگە ئاسانلا سېتىپ بېرىپ، ئۆز ئابرويىنى تېزلا كۆتۈردى.
بېتخوۋېن 30 يېشىدىن باشلاپ قۇلاق ئاغرىقىغا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. باشتا ئانچە ئېغىر بولمىغان رويال چېلىش ۋە رويال مۇسابىقىلىرىگە نورمال قاتنىشىپ تۇردى. 1802 - يىلى كېسىلى ئېغىرلىشپ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قالىدۇ. ئۇ بىر مەھەل ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولۇپ، <ۋەسىيەتنامە> سىنى يېزىپ قويىدۇ. كېيىن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، <ئەگەر مەن ھېچ نېمە ياراتماي بۇ دۇنيادىن كېتىپ قالسام ، بۇنى تەسەۋۋۇر قىلماق ناھايىتى تەس...> دەيدۇ.
1802 - 1815 - يىلغىچە بولغان ۋاقىت، بەزىدە بېتخوۋېننىڭ سەنئەت ھاياتىنىڭ ئوتتۇرا ياش مەزگىلىمۇ دېيىلىدۇ. بۇ مەزگىلدە، قولاق ئاغرىقىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ تەدرىجىي ھالدا ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردىن باش تارتتى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇنى تەركىي دۇنيا بولۇپ كەتتى دەپ قېلىشتى. ئۇنىڭ بىر نەچچە قىزلار بىلەن ناھايىتى قىزىقارلىق باردى - كەلدى مۇناسىۋىتى بولغان، بىراق ھەممىسىنىڭ نەتىجىسى ياخشى بولمىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆمۈر بويى ئۆيلەنمىگەن.
گەرچە ئۇنىڭ قۇلىقى پاڭ بولۇپ قالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئەسىرى داۋاملىق ئېلان قىلىنىپ تۇردى. 50 ياشقا كىرەي دېگەندە، ئۇ ئاڭلاش سېزىمىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان. شۇنىڭ بىلەن سەنئەت كېچىلىكلىرىدە ئويۇن كۆرسەتمەيدىغان بولدى، ئىجتمائىي پائاليەتلەردىن پۈتۈنلەي چىقىۋالدى، ئۇنىڭ ئەسىرى ئازلاپ كەتتى، بۇنى كىشىلەر چۈشەنمەيتتى. ئۇ ئۆزى ۋە كەلگۈسى سىرداشلىرى ئۈچۈن ئىجاد قىلىدىغان بولۇپ قالدى. بەزىلەر بېتخوۋېن ئەينى ۋاقىتتا ئوبزورچىلارغا: <مەن سىلەر ئۈچۈن ئەمەس، كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن نومۇر ئورۇنلاۋاتىمەن> دېگەنىدى.
تەقدىر قەستەن ئويناشقاندەك، ئۇلۇغ كومپوزىتورنى ئاڭلاش ئىقتىدارىدىن ئايرىپ قويدى. ۋەھالەنكى ئەمەلىيەت تەسەۋۋۇردىن تېخىمۇ ئۇلۇغۋار بولدى، بېتخوۋېن ئاشۇ زۇلمەتلىك كۈنلەردە تامام قىلغان ئەسىرى دەل ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم، ئەڭ نەپىس ئەسەرلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالدى. ئۇ 1827 - يىلى 57 يېشىدا ۋېنادا ۋاپات بولدى.
بېتخوۋېننىڭ ئەسەرلىرى توققۇز سېمفونىيە، 32 پىئانىنو سونىتىسى، ئوركېستىرنىڭ تەڭكەش قىلىنىشى بىلەن پىئانىنودا ئورۇنلانغان مۇزىكىدىن بەش، پىئانىنو بىلەن ئىسكىرىپكا سونىتىسى ۋە بىر يۈرۈش تارىلىق چالغۇ مۇزىكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ سۈپىتى سانىدىن تېخىمۇ مۇھىم. ئۇ كۈچلۈك ھېسسىيات بىلەن مۇكەممەل مۇلاھىزىنى ئەپچىللىك بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەدەبىيات ۋە رەسساملىقتىن تۆۋەن دەپ قارىلىپ كەلگەن مۇزىكىنى سەنئەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە كۆتۈردى.
بېتخوۋېن - ھەقىقىي بىر مۇزىكانت. ئۇنىڭ مۇزىكا قۇرۇلمىسىدا ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتى ناھايىتى ئۇزۇن تەسىر كۆرسەتتى. ئۇ ئوركېسترنىڭ سانىنى كۆپەيتتى، سېمفونىيىنى تېخىمۇ ئۇزارتتى، پىئانىنونىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇردى، سونېت، سېمفونىيە، ئوركېستىرنىڭ تەڭكەش قىلىشى بىلەن ئورۇندىلىدىغان مۇزىكىنىڭ دائىرىسىنى ئاچتى. پىئانىنونى ئىنتايىن مۇھىم چالغۇ ئورنىغا كۆتۈردى. بېتخوۋېن كلاسسىك مۇزىكىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى جەملەپ، رومانتىزم مۇزىكىلىرىنىڭ ياراتقۇچىسى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى نۇرغۇنلىغان رومانتىك تالانتقا ئىگە مۇزىكانتلار ئۈچۈن زور ئىلھام بەخش ئەتتى.
دۇنيا تارىخى
(1770-1827)گېرمانىيە مۇزىكانتى، ۋېنا قاتنىشالايدىغان بون كىيولىن ئوردىسى ناخشىچىسىنىڭ ئوغلى ئىدى. بالىلىق دەۋرىدىن باشلاپلا دادىسىدىن مۇزىكا ئۆگەنگەن. 1792-يىلدىن باشلاپ ۋېنادا ئولتۇراقلىشىپ، ئوقۇتۇش، ئويۇن قويۇش ۋە ئىجادىيەت بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن. 1798-يىلدىن باشلاپ ئاڭلاش سېزىمى بارابارا ئاجىزلاپ كېتىپ، 1820-يىلدىن كېيىن ئىككى قۇلىقى ئاڭلىماس بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئىجادىيەتنى داۋاملاشتۇرغان. ياش ۋاقتىدا مەرىپەت ھەرىكىتى ۋە فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. ئۆمۈر بويى <ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، مېھرىبانلىق>تىن ئىبارەت غايىگە ئىنتىلىپ، كۆپلىگەن ئەسەرلىرىدە شۇ چاغدىكى بۇرژۇئازىيىنىڭ فېئودالىزمغا قارشى تۇرۇش، دېموكراتىيىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىنقىلابىي قىزغىنلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىكى بەزى ئەسەرلىرىدە پاسسىپ، تەركىدۇنيالىق كەيپىيات ئىپادىلەنگەنبولسىمۇ، لېكىن بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابىغا نىسبەتەن يەنىلا قىزغىن تەلپۈنۈش كەيپىياتىدا بولغان. پاۋرۇپا مۇزىكا تارىخىدا ھايدىن، مۇزارت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىي مەزگىلىدىكى مۇزىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قۇبۇل قىلىپ، كلاسسىك ئېقىمىنىڭ بۈيۈك نەتىجىلىرىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، رومانتىزم ئۈچۈن يول ئېچىپ بەرگەن. ئۇنىڭ ئىجادىيەت نەتىجىلىرى يېقىنقى زامان غەرب مۇزىكا تەرەققىياتىغا چوڭقۇرتەسىر كۆرسەتكەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن، توققۇز قىسىملىق سىمفونىيە(ئۈچۈنچىسى <قەھرىمان>، بەشىنچىسى <تەقدىر>، ئالتىنچىسى <يېزا>، توققۇزىنچىسى <خور> ئەڭ مەشھۇر)؛ ئوپېرا <فېدېيرىئو>، 32 رويال سوناتاسى (<ماتەم كۈيى>، <شاتلىق> قاتارلىقلار ئەڭ مەشھۇر) ھەمدە ئوركېستىرنىڭ تەڭكەش قىلىنىشى بىلەن پىئانىنودا ئورۇندالغان مۇزىكا، ئوركېستىرنىڭ تەڭكەش قىلىنىشى بىلەن ئىسكىرىپكا بىلەن ئۇرۇندالغان مۇزىكا، قىللىق چالغۇدا ئۇرۇندالغان تۆت ئاھاڭلىق مۇزىكا ئەسىرىقاتارلىقلار بار.