Uyghur主要词典
بېجىرمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتنى ئۆز يولىدا يۈرگۈزمەك.
<ئورۇنلىماق>، <ئادا قىلماق> ئىش - ھەرىكەتنى قەرەلىدە پۈتتۈرۈشكە قارىتىلىدۇ.
<بېجىرمەك> ئىش - ھەرىكەتنى بىر تەرەپ قىلماققا قارىتىلىدۇ.
<ئۆتىمەك>، <ئاتقارماق>، <ئىجرا قىلماق> ئىش - ھەرىكەتنى يۈرگۈزۈشكە قارىتىلىدۇ.
1199 - يىلى مەملىكەت بويىچە توشۇلغان مال 29 - دېكابر ئەتىگەن سائەت ئالتە گىچە بىر مىليارد 470 مىليون توننا بولۇپ، يىللىق پىلان مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنلانغان. ئالىي مەكتەپكە كىرىش كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولدۇم. بېرىلگەن ۋەزىپىنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش - مەسئۇلىيەتنى ئۆتەشتۇر. تېگىشلىك ۋەزىپىنى ئاتقارماق لازىم. سىياسەت، قانۇن، بۇيرۇق، قارار، ۋە ھۆكۈملەرنى ئىجرا قىلىش لازىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر ئىشنى ئىشلىمەك، ۋەزىپىنى بەجا كەلتۈرمەك، ئورۇندىماق.
ئاسىم تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى تولۇق ھەتتا ئاشۇرۇپ بېجىردى.