Uyghur主要词典
بېجىرىم
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بۇزۇلمىغان، پۈتۈن.
ساق يىقىلار، سۆڭىكى ساق قالار. چىۋىن ساق تۇخۇمغا قونمايدۇ. ئۆزۈڭ بېجىرىم بولساڭ، گەپ - چۆچەكتىن قورقما.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تېنى جايىدا، ھەممە ئەزالىرى تولۇق.
مېيىپ، ئەيىبناق، ناكار
بىرەر ئەزاسىدىن ئايرىلغان ياكى كېسەللىك بەلگىسى قالغان.
ساق يىقىلار، سۆڭىكى ساق قالار. بېجىرىم بۇزۇلماس. مېيىپنى مازاق قىلغانلار - كاللىسى مېيىپ بولغانلار. كىشى تۇغۇلغاندا ئەيىبناق بولمايدۇ. يىقىلىپ ناكار بولغۇچە، ئىشلەپ ئىشكار بول. تازنى تاز دېسە، ئۆلگۈسى كېلەر، ساقنى تاز دېسە كۈلگۈسى. سۇنۇقنىڭ دەردىنى ساق بىلمەس. ساق كۆز يىغلىسا، قارىغۇ كۆزدىن ياش چىقار. ساقتىن زېرەك گاچا بار، شاختىن چىڭراق ئاچا بار. پۇچۇق بۇرۇن ساق بۇرۇننى كۆرەلمەيدۇ. گاس ساققا گەپ ئۇقتۇرالماپتۇ. توكۇر ساقنى يېتىلىمەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. بۇزۇلمىغان، تازا، ساق.
بېجىرىم قوغۇن، بېجىرىم چىنە، بېجىرىم ئەينەك.
سۈپ. باشقا نەرسە ئارىلاشمىغان؛ ئەينى، تەبىئىي، ساپ.
بېجىرىم ئالتۇن.
سۈپ. نۇقسانسىز، ساغلام، پاك.
بېجىرىم ئادەم. بېجىرىم يىگىت.
رەۋ. راۋۇرۇس، مەزمۇت.
بوۋاي، ھاكىمنىڭ گېپىنىمۇ كۈتمەستىن، ياش يىگىتلەردەك يەرنى بېجىرىم دەسسەپ ئاشخانىدىن چىقىپ كەتتى.