Uyghur主要词典
بۆلۈنگۈچى توقۇلما
بىئولوگىيە
ئۆسۈملۈكتىكى دىففېرېنسىيىلەنمىگەن يۇقىرى دەرىجىدە بۆلۈنۈش ئاكتىپچانلىقىغا ئىگە ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلگەن توقۇلما. بۆلۈنگۈچى توقۇلما ھۈجەيرىلىرىنىڭ پوستى نېپىز، يادروسى چوڭ، پلازمىسى قويۇق بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇنىڭدىكى ئۆسىدىغان ھۈجەيرىلەرنىڭ بىر قىسمى بۆلۈنۈش ئىقتىدارىنى داۋاملىق ساقلايدۇ، يەنە بىر قىسمى ھەر خىل مەڭگۈلۈك توقۇلمىغا ئايلىنىدۇ. بۆلۈنگۈچى توقۇلمىنىڭ پائالىيىتى نەتىجىسىدە ئۆسۈملۈكنىڭ ئورگانلىرى ئۆسىدۇ. ياكى يېڭىدىن ھاسىل بولىدۇ. مەسىلەن غولىنىڭ ئۇچىدا بۆلۈنگۈچى توقۇلما بولغاچقا غول ئۆسىدۇ ۋە يوپۇرماق، گۈ، مېۋە ھاسىل قىلىدۇ. بۆلۈنگۈچى توقۇلما ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن چوققىدىكى بۆلۈنگۈچى توقۇلما، ئارىلىقىدىكى بۆلۈنگۈچى توقۇلما ۋە ياندىكى بۆلۈنگۈچى توقۇلما قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ؛ كېلىش مەنبەسى ۋە خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن ئىپتىدائىي بۆلۈنگۈچى توقۇلما، دەسلەپكى بۆلۈنگۈچى توقۇلما ۋە ئىككىلەمچى بۆلۈنگۈچى توقۇلما قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. ئىپتىدائىي بۆلۈنگۈچى توقۇلما تۆرەلمىدىن قېپىقالغان، ئۇزۇن مەزگىل بۆلۈنۈش ئىقتىدارىنى ساقلايدىغان ئىپتىدائىي ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، يىلتىز ۋە غولنىڭ ئۆسۈش نۇقتىسىنىڭ ئۇچىغا جايلىشىدۇ. دەسلەپكى بۆلۈنگۈچى توقۇلما ئىپتىدائىي بۆلۈنگۈچى توقۇلمىنىڭ تۇغۇندىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى: ھۈجەيرىلەر بىر تەرەپتىن بۆلۈنىۋېرىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن دىففېرېنسىيىلىنىشكە باشلايدۇ. دەسلەپكى بۆلۈنگۈچى توقۇلما ئىپتىدائىي ئېپىدىرما، ئىپتىدائىي قوۋزاق قەۋەت ۋە ئاساسىي بۆلۈنگۈچى توقۇلمىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. ئىككىلەمچى بۆلۈنگۈچى توقۇلما يېتىلىپ بولغان نېپىز پوستلۇق ھۈجەيرىلەرنىڭ بۆلۈنۈش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىدىن ھاسىل بولىدۇ. مەسىلەن، پۇرۇپكا ھاسىل قىلغۇچى قەۋەت. ھاسىل قىلغۇچى قەۋەتنىڭ ئەھۋالى بىر ئاز مۇرەككەپ بولۇپ بەزىلىرى دەسلەپكى بۆلۈنگۈچى توقۇلمىغا، بەزىلىرى ئىككىلەمچى بۆلۈنگۈچى توقۇلمىغا كىرىدۇ.