Uyghur主要词典
بۆلۈم
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چوڭ ئەسەرنىڭ تۈرلۈك بۆلەكلىرى.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» تۆت پەسىل، 29 باب، 16 بۆلۈم، 270 ماددىدىن ئىبارەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قىسىم، خانا ۋە شۇ قاتارلىق ئاجرىتىلغان نەرسىلەرنىڭ ھەربىر قىسمى؛ ئىشخانا.
بىنانىڭ بۆلۈملىرى. كېمىنىڭ بۆلۈمى.
ئىدارە، مۇئەسسەسە، كارخانا، ماگىزىن، مۇزېي قاتارلىقلارنىڭ مەلۇم ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، بىر تۈردىكى نەرسىلەر توپلانغان ھەربىر قىسمى؛ شۆبە.
مالىيە بۆلۈمى. كادىرلار بۆلۈمى.
ئىلمىي ياكى بەدىئىي ئەسەرلەرنىڭ مەلۇم مەسىلىگە بېغىشلانغان ھەربىر مۇستەقىل قىسمى.
بۇ كىتابچىدا <ئىجتىمائىي ئىنقىلابنىڭ شەكلى ۋە قورالى> مەسىلىسى مەخسۇس سۆزلەنگەن بىر بۆلۈم بار.
بۆلەك، قىسىم.
ئورمىنى بۆلۈم تۈگىتەر، ئادەمنى ئۆلۈم (ماقال).