Uyghur主要词典
بۆلۈش
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ماتېماتىكا ئاتالغۇسى. تۆت ئەمەلنىڭ بىرى.
بۆلۈش ئەمىلى. * بۆلۈش بەلگىسى (÷).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
1 . «بۆل» نىڭ ئىسىمدىشى، بۆلمەك؛ بۆلۈش ئەمىلىنى ئىجرا قىلماق.
چوڭساننى كىچىك سانغا بۆلۈش كېرەك. * ئوننى بەشكە بۆلسەك، ئىككىدىن تېگىدۇ.
2 . بىر پۈتۈن نەرسىنى قىسىملارغا، پارچىغا، بۆلۈمگە ئايرىماق، بۆلەك - بۆلەك قىلماق، ئۈلۈشمەك. مىراسنى بۆلمەك. * كىشىنىڭ گېپىنى بۆلمە. * بۇ شۇمتەك ئەجەب خىيالىمنى بۆلۈۋەتتى. * تاۋۇزنى تۆتكە بۆلمەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھېسابتىكى تۆت ئەمەلنىڭ بىرى، بەلگىسى «÷، :» .
100 نى 10 غا بۆلسەك، بولىدۇ: 10 . 15 نى 3 كە بۆلسەك. بولىدۇ: 5 .
10= 10 : 100 5 = 3 ÷ 15
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى <مات> بۆلۈش ئەمىلى ۋە ئۇنى ئىپادىلەيدىغان بەلگە (/). بەزىدە ئۇنىڭ ئورنىغا توغرا سىزىق، يانتۇ سىزىق ياكى قوش چېكىت (:) ئىشلىتىلىدۇ.
ئى <لوگ> تەپەككۇردە ئەينى بىر جىنس ئۇقۇمنى شۇ جىنس ئۇقۇم تەركىبىدىكى بىر قانچە تۈر ئۇقۇمغا ئايرىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ.