Uyghur主要词典
بۆلۈنۈش ئارىلىق دەۋرى
بىئولوگىيە
ئالدىنقى، كېيىنكىدىن ئىككى قېتىملىق يىپلىق بۆلۈنۈش ئارىلىقىدىكى مەزگىلى بولۇپ، ئۇ ھۈجەيرىنىڭ جانلىنىپ ئۆسىدىغان مەزگىلى ھەمدە يىپلىق بۆلۈنۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان تەييارلىق باسقۇچىدۇر. ئۇ نۇسخىلىنىشتىن ئالدىنقى مەزگىلى، نۇسخىلىنىش مەزگىلى ۋە نۇسخىلىنىشتىن كېيىنكى مەزگىلىدىن ئىبارەت ئۈچ مەزگىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئادەتتە يىپلىق بۆلۈنۈش ئارىلىق دەۋرى ئۆتىدىغان ۋاقىت، يىپلىق بۆلۈنۈش دەۋرىگە قارىغاندا خېلى ئۇزۇن بولىدۇ. <ھۈجەيرە دەۋرى> گە قاراڭ