Uyghur主要词典
باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش
بىئولوگىيە
مىكرو ئورگانىزملارنڭ بەزى فىزىكىلىق خىمىيىلىك ياكى بىئولوگىيىلىك ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ياشاش ئىقتىدارىنى قايتمايدىغان دەرىجىدە يوقىتىش ھادىسىسى. باكتېرىيە ئۆلتۈرىدىغان ئامىللار: يۇقىرى تېمپېراتۇرا، رادىئاتسىيە، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى، سىرتقى يۈزىنى جانلاندۇرغۇچىلار، بەزى ئانتىبىئوتىكلار، باكتېرىئوفاگ ۋە باكتېرىيە ئېرىتكۈچى ئېنزم قاتالىقلار. بۇ ئامىللارنىڭ باكتېرىيىنى ئۆلتۈرۈشى مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئەسلى ئالاھىدىلىكى، تەسىر قىلىش ۋاقتى، مىقدارى ياكى قويۇقلۇقى، تەسىر قىلغاندىن كېيىنكى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.