Uyghur主要词典
باكتېرىيە
بىئولوگىيە
تاق ھۈجەيرىلىك ئىپتىدائىي يادرولۇق جانلىقلارغا كىرىدۇ. تېنى كىچىك بولۇپ، دائىم مىكرومېتر (Mμ) بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. شارچە باكتېرىيىنىڭ دىئامېترى تەخمىنەن 0.5 _ 1.0 μM كېلىدۇ، تاياقچە باكتېرىيىنىڭ دىئامېترى 0.4 _ 2.0 nM ئۇزۇنلۇقى دىئامېتىرىنىڭ بىر ياكى بىر قانچە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئاساسلىق شەكلى شارسىمان، تاياقچىسىمان ۋە بۇرمىسىمان بولىدۇ. ھۈجەيرە پوستى، ھۈجەيرە پەردىسى، يالغان يادرو ۋە رىبوزوما قاتارلىق تۈزۈلۈشتىن باشقا يەنە بىخ سپورا، قامچا تۈك ۋە كاپسۇلا بولىدۇ. ئاساسەن ئىككىگە بۆلۈنۈپ كۆپىيىدۇ. كۆپىنچىسى چىرىندىخورلۇق ۋە پارازىتلىق ھايات كەچۈرىدۇ. بىر قىسىمى ئۆزىدىن ئوزۇقلىنىدۇ. باكتېرىيىلەرنىڭ تارقىلىشى كەڭ، تۈرى كۆپ، ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى زىچ بولۇپ، خېلى كۆپ تۈرى ئېچىتىش سانائىتى، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، بەزىلىرى نازۇك نېفىت مەھسۇلاتلىىرنى ئىشلەشكە ئىشلىتىلىدۇ؛ بەزى ئۆزىدىن ئوزۇقلىنىدىغان باكتېرىيىلەر مېتال ئېرىتىشكە ئىشلىتىلىدۇ. باكتېرىيىلەر تەبىئەت دۇنياسىدىكى ماددا ئايلىنىش، تۇپراقنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە بىئولوگىيىلىك ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىراق ۇنىڭ ئىچىدىكى خېلى كۆپ تۈرلەر ئادەم، چارۋا مال ۋە ئۆسۈملۈكلەر يۇقۇملىنىش خاراكتېرىدىكى كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېزا ئىگىلىك ۋە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى چىرىتىپ سۈپىتىنى ئۆزگەرتىدۇ ۋە ئېغىر بالايىپاپەت ياكى زور ئىقتىسادىي زىيان يەتكۈزىدۇ.
دۇنيا تارىخى
<تۇخار> ماددىسىغا قارالسۇن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<گرېكچە
بىئولوگىيە
مىكرو ئورگانىزملارنىڭ چوڭ بىر تۈرى، تېنى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، پەقەت مىكروسكوپلار ئارقىلىقلا كۆرۈشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ شارسىمان، تاياقسىمان، بۇرمىسىمان، يايسىمان ۋە يىپسىمان قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر بولىدۇ.
بىئولوگىيە
باكتېرىيىنىڭ مەلۇم مۇھىت شارائىت ئاستىدا ھاسىل قىلغان، مۇكەممەل ھەم مۇستەھكەم ھۈجەيرە پوستى بولمىغان ئۆزگەرگەن تىپى. بۇنى ئەڭ بۇرۇن ئەنگىلىيىلىك لىستېر (Lister) تاپقانلىقى ئۈچۈن L تىپلىق نام بېرىلگەن. ھۈجەيرىنىڭ شەكلى كۆپ خىل بولۇپ، بەزىلىرى باكتېرىيە فىلتىرلىگۈچتىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. شۇڭا >فىلتىرلىگۈچتىن ئۆتۈپ كېتىدىغان باكتېرىيە< دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قاتتىق ئۆستۈرگۈچ ئۈستىدە ئۆستۈرگەندە بىر خىل تىپىك >مايدا قورۇلغان تۇخۇم< دەك مىكرو تۈركۈمىنى ھاسىل قىلىدۇ. L تىپلىق باكتېرىيىنىڭ بەزىلىرى ئەجدادىنىڭ >تۇراقسىز< ئۆزگىرىشچان تۈپىگە قايتالايدۇ، بەزىلىرى قايتمايدىغان >تۇراقلىق< ئۆزگىرىشچان تۈپ. كېيىنكىسى مىكوپلازما بىلەن ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ھازىر كۆپلىگەن باكتېرىيىلەرنىڭ L تىپلىق باكتېرىيىنى ھاسىل قىلالايدىغانلىقى بايقالدى.