Uyghur主要词典
باكتېرىئولوگىيە
بىئولوگىيە
مىكرو بىئولوگىيىنىڭ مۇھىم بىر تارمىقى. ئۇ باكتېرىيىنىڭ مورفولوگىيىسى، تۈزۈلۈشى، تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى، ھاياتلىق پائالىيەت قانۇنىيىتى ھەمدە باكتېرىيە بىلەن ئادەم، ھايۋان، ئۆسۈملۈك ۋە تەبىئەت دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا تەسىرنى تەتقىق قىلىدۇ. باكتېرىيە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، سانائەت، داۋالاش، دورىگەرلىك ۋە گىگېنا قاتارلىق جەھەتلەردە كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىدىغان، تۈرى كۆپ بولغان بىر خىل مىكرو ئورگانىزمدۇر. سانائەتتە، بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا باكتېرىيىدىن پايدىلىنىپ سىركە كىسلاتاسى، سۈت كىسلاتاسى، ئاتسېتون، بۇتانول ۋە ئانتىبئوتىك دورىلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغانىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەنە باكتېرىيىدىن پايدىلىنىپ ئامىنو كىسلاتاسى، نۇكلېئىك كىسلاتا، ۋىتامىن ۋە ئېنزىم ياسالمىلىرى قاتارلىقلار ئىشلەپچىقىرىلىۋاتىدۇ. نېفىت ئېچىش، نېفىت قىدىرىش، كان ئېچىش ۋە پاسكىنا سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش جەھەتلەردىمۇ باكتېرىيىنىڭ رولىدىن كەڭ كۆلەمدە پايدىلىنىشقا باشلىدى. يېزا ئىگىلىكىدە باكتېرىيىدىن پايدىلىنىپ زىيانلىق ھاشاراتلارنى يوقىتىش، بىئولوگىيىلىك ئالدىنى ئېلىش ۋە باكتېرىيىلىك ئوغۇت ياساش قاتارلىق جەھەتلەرىمۇ غايەت زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. داۋالاش، دورىگەرلىك ۋە ساقلىقنى ساقلاش جەھەتتە، باكتېرىيىدىن ۋاكسىنا ياساپ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم تۆھپە يارىتىلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<گرېكچە
بىئولوگىيە
باكتېرىيىلەرنىڭ ھالىتى، تۈزۈلۈشى، تۈرى ۋە ھاياتىي پائالىيەت قانۇنىيىتىنى؛ باكتېرىيىلەرنىڭ سانائەتتىكى ئېچىتىش ھەم ئىنسان ۋە جانلىقلاردا بولىدىغان كېسەللىكلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم؛ باكتېرىئولوگىيە.