Uyghur主要词典
باكتېرىيە تۈپى
بىئولوگىيە
<باكتېرىيە سورت سىستېمىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ساپلاشتۇرۇپ ئۆستۈرۈلگەن، تۈرى ئوخشاش كېلىش مەنبەسى ئوخشاش بولمىغان بىر خىل مىكرو ئورگانىزم. كېلىش مەنبەسى ئوخشاش بولمىغان ئوخشاش بىر خىل مىكرو ئورگانىزمنىڭ بەزى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدىغان ئالاھىدىلىكلىرى (يەنى شۇ تۈرنى بېكىتىشكە كۆرسەتكۈچ قىلىنمايدىغان ئالاھىدىلىكلىرى)جەھەتتە بەلگىلىك پەرقى بولىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىكلەر بەزىدە مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش خۇسۇسىيىتى قىلىنىشىمۇ مۇمكىن. تۈرى ئوخشاش، كېلىش مەنبەسى ئوخشاش بولمىغان مىكرو ئورگانىزملاردىكى پەرقنى ئىمكان قەدەر پەرقلەندۈرۈپ كۆرسىتىش ئۈچۈن، مىكرو بىئولوگىيە خىزمىتىدە تەبىئەتتىن ئايرىۋالغان ھەر انداق بىر تۈردىكى مىكرو ئورگانىزم ساپلاشتۇرۇپ ئۆستۈرۈلىدۇ. ساپلاشتۇرۇپ ئۆستۈرۈلگەن باكتېرىيە باكتېرىيە تۈپى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تەجرىبىخانا شارائىتىدا ئېرىشىلگەن مەلۇم باكتېرىيە تۈپىنىڭ ئۆزگەرگەن تىپىمۇ يېڭى باكتېرىيە تۈپى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ نامى ئادەتتە نومۇر ياكى ھەرپ ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.