Uyghur主要词典
باكتېرىيىدىن پايدىلىنىپ مېتال تاۋلاش
领域: بىئولوگىيە<باكتېرىيە ئارقىلىق دورا نەملەش، نەملەپ مېتال تاۋلاش> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بەزى مىكرو ئورگانىزملار (مەسىلەن، گۈڭگۈرتنى ئوكسىدلايدىغان گۈڭگۈرت تاياقچە باكتېرىيىسى، تۆمۈرنى ئوكسىدلايدىغان گۈڭگۈرت تاياقچە باكتېرىيىسى قاتارلىقلار) نىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ، رودا تەركىبىدىكى كېرەكلىك مېتالنى ئېرىتىپ، ئېرىتمىدىن ئېھتىياجلىق بولغان مېتالنى ئايرىپ ئالىدىغان بىر خىل مېتال تاۋلاش ھۈنەر - سەنئىتى. باكتېرىيىدىن پايدىلىنىپ مېتال تاۋلاش ئەڭ بۇرۇن جۇڭگودا بارلىققا كەلگەن. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە جۇڭگو بۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ مىس تاۋلىغان، ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئۇسۇل سۇغا مىس چىلاش دەپ ئاتالغان. بۇ ئۇسۇلغا كېتىدىغان ئۈسكۈنىلەر ئاددىي، مەشغۇلاتى ئاسان، تەننەرخى تۆۋەن بولۇشتەك ئالاھىدىكلەرگە ئىگە، بولۇپمۇ تەركىبىدە مېتال ئاز بولغان رودا، قالدۇق رودا ھەمدە ئوتتا تاۋلانغان رودا قالدۇقلىرى ياكى داشقال تەركىبىدىكى مېتاللارنى يىغىۋېلىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ. ھازىر دۇنيادا باكتېرىيىدىن پايدىلىنىپ مېتال تاۋلاش ئارقىلىق يىغىۋېلىنىدىغان رەڭلىك مېتال ۋە ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللاردىن مىس، سىنىك، قوغۇشۇن، نىكېل، كوبالىت، مانگان، ۋىسمۇت، مولبىدېن، كۈمۈش، ئالتۇن، ئارسىن، ۋانادىي، گاللىي، ئىندىي قاتارلىقلار بار.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。