Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۆسۈملۈكلەر ئاناتومىيىسى
بىئولوگىيە
مكرسكوپ تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆسۈملۈك توقۇلمىلىرى ۋە ئورگانلىرىنىڭ ئىنچىكە تۈزۈلۈشىنى، بۇ تۈزۈلۈشنىڭ يەككە يېتىلىش ۋە سىستېمىلىق يېتىلىش جەريانىدىكى ھاسىل بولۇش قانۇنىيىتىنى، ھەمدە ئۇنىڭ فىزىئولوگىيىلىك فۇنكىسىيىسى بىلەن مۇھىت شارائىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇ تەتقىق قىلىش ئوبيېكتى ۋە ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن، ياغاچ ماتېرىياللار ئاناتومىيىسى، يېتىلىش ئاناتومىيىسى، سېلىشتۇرما ئاناتومىيە، ھۈجەيرە توقۇلما خىمىيىسى، فىزىئولوگىيىلىك ئاناتومىيە قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.