Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۆسۈملۈكلەر مورفولوگىيىسى
دائىرە: بىئولوگىيەئۆسۈملۈكلەر ھەمدە ئۆسۈملۈك ئورگانلىرىنىڭ يەككە يېتىلىش ۋە سىستېمىلىق يېتىلىش جەريانىدىكى سىرتقى قىسىمنىڭ مورفولوگىيىلىك شەكلى، كۆپ خىللىقى، مورفولوگىيىلىك شەكلىنىڭ ھاسىل بولۇش قانۇنىيىتى، ھەمدە مورفولوگىيىلىك شەكىل بىلەن ئەتراپتىكى مۇھىتنڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇ بوتانىكىنىڭ باشقا تارماق پەنلىرى (مەسىلەن، ئۆسۈملۈكلەر تاكسونومىيىسى، ئۆسۈملۈكلەر فىزىئولوگىيىسى، ئۆسۈملۈكلەر ئېكولوگىيىسى، ئۆسۈملۈكلەر ئىرسىيىتى قاتارلىقلار) نىڭ ئاساسى، ئۇ تەتقىق قىلىش ئوبيېكتى ۋە ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن، سپورىلىق ئۆسۈملۈكلەر مورفولوگىيىسى، ئۇزۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر مورفولوگىيىسى، سېلىشتۇرما مورفولوگىيە ۋە تەجرىبە مورفولوگىيىسى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.