Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۆسۈملۈكلەر ئېكولوگىيىسى
بىئولوگىيە
ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇنىڭ تەتقىقات مەزمۇنىنى ئۆسۈملۈكلەر يەككە تېنى بىلەن مۇھىتنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇناسىۋىتى، ئۆسۈملۈكلەر تۈركۈمى بىلەن مۇھىتنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇناسىۋىتى ھەمدە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئېكولوگىيىلىك سىستېمىسىدىكى ماددىنىڭ ئايلىنىشى ۋە ئېنېرگىيىنىڭ يۆتكىلىشى جەريانىدىكى رولى قاتارلىق ئۈچ جەھەتكە بۆلۈشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى، ئۆسۈملۈك تۈرى يەككە تېنىنىڭ ئوخشاش بولمىغان مۇھتقا ماسلىشىش جەريانى ۋە مۇھىتنىڭ ئۆسۈملۈك تۈرىگە نىسبەتەن يارىتىش رولى، ئۆسۈملۈكلەر تۈركۈمى ياكى تۈر توپىنىڭ ئوخشاش بولمىغان مۇھىتتا شەكىللىنىشى ھەمدە تەرەققىيات جەريانى ۋە ئۆسۈملۈكلەر تۈر توپىنىڭ مۇھىتقا نىسبەتەن ئۆزگەرتىش رولى قاتارلىقلارنى شەرھلەشتىن ئىبارەت. ئۆسۈملۈكلەر بىلەن مۇھىتنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇناسىۋىتىنى تونۇپ يەتكەندە ۋە ئىگىلىگەندە، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مۇھىتقا ماسلىشىش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغىلى، ئۆسۈملۈكلەر بىلەن مۇھىت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كونترول قىلغىلى ۋە تەڭشىگىلى، ئېكولوگىيىلىك سىستېمىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىغىلى، ئۆسۈملۈكلەر مەنبەسىنى مۇۋاپىق ئاچىقىلى ۋە پايدىلانغىلى، ئىنسانلار ھايات كەچۈرىدىغان تەبىئىي مۇھىتنى قوغدىغىلى ۋە ياخشىلىغىلى بولىدۇ.