Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۆسۈملۈك تۈركۈمى
بىئولوگىيە
توپلىشىپ ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك تۈر بىرىكمىسى بەلگىلىك بولۇپ، قانۇنىيەتلىك بىرىككەن، ئوخشاش بولمىغان لېكىن مۇھىتى ئوخشاپ كېتىدىغان ئورۇندا قانۇنىيەتلىك ھالدا قايتا كۆرۈلىدىغان ھەر بىر بىرىكمە ئېلمېمنېت بىر ئۆسۈملۈك تۈركۈمى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ئۆسۈملۈك بىلەن ئۆسۈملۈك، ئۆسۈملۈك بىلەن مۇھىت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئىپادىلىنىدۇ. بۇخىل ئۆزئارا مۇناسىۋەت ئۆسۈملۈك تۈركۈمىدىكى ھەرخىل ئۆسۈملۈكنىڭ بوشلۇق ۋە ۋاقىت جەھەتتىكى ماسلىشىش ئەھۋالىنى، يەنى تۈركۈمىنىڭ تۈزۈلۈشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇنى ئاساسەن ھەرخىل ئۆسۈملۈكنىڭ ئېكولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى بىلەن شۇ ئورۇننىڭ كونكرېت مۇھىت ئالاھىدىلكى بەلگىلەيدۇ.