Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىدراكنىڭ پۈتۈنلۈكى
پسىخولوگىيە
بۇ شەيئى ياكى ھادىسىلەرنىڭ تۈرلۈك خۇسۇسىيەتلىرى، ھەر قايسى قىسىملىرى، بىر مۇنچە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن بىر پۈتۈن ھالدا بىلىشتىن ئىبارەت. ئۇنىڭدىكى تۈرلۈك خۇسۇسىيەتلەر پەيدا قىلغان سەزگۈلەر مۇستەقىل مەۋجۇتلۇق بولماي، ئىدراكنىڭ ئورگانىك تەركىبىي قىسمى بولۇپ، مۇكەممەل ئىدراكىي ئوبراز ھاسىل قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىپادىسىنىڭ ئۈچ خىل تىپى بار: (1) ئوخشاش بولمىغان ئانالىزاتورلار ماسلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىش ئارقىلىق، مۇرەككەپ غىدىقلىغۇچىنىڭ تۈرلۈك خۇسۇسىيەتلىرىنى ئەتراپلىق سىنتېزلاپ ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كۆپ خىلدىكى سەزگۈ تەرتىپلىك مۇكەممەل ئىدراكىي ئوبراز شەكىللىنىدۇ. مەسىلەن: بىر مېۋىنى ئىدراك قىلغاندا، كۆرۈش سەزگۈسى، پۇراق سەزگۈسى، تەم سەزگۈسى، تېگىش سەزگۈسى قاتارلىق كۆپ خىلدىكى ئانالىزاتورلار مېۋىنىڭ شەكلى، رەڭگى، پۇرىقى، تەمى قاتارلىق كۆپ خىلدىكى خۇسۇسىيەتلىرىنى ئەكس ئېتىشى تۈرلۈك مۇستەقىل سەزگۈلەردىن ئىبارەت بولماي، بىر خىل پۈتۈنلۈكنى ئىدراك قىلىش بولىدۇ. مانا بۇ مۇكەممەل ئىدراكىي ئوبراز ئىپادىسىنىڭ بىر خىلى؛ (2)8 مەلۇم بىر خىلدىكى ئانالىزاتور مەلۇم بىر خىل شەيئىنىڭ مەلۇم بىر تەرىپى ياكى مەلۇم خىلدىكى مۇناسىۋىتىنى سىنتېزلاپ ئەكس ئېتىش بىلەن يالغۇز كۆرۈشنىڭ ئىدراكىي ئوبرازى شەكىللىنىدۇ، ياكى ئاڭلاش ئىدرىكى، پۇراق ئىدرىكى، تەم ئىدرىكى، تېگىش ئىدرىكى ھەرىكەت ئىدرىكى، رەڭ ئىدرىكى، شەكىل ئىدرىكى، چوڭ - كىچىكلىك ئىدرىكى، چوڭقۇرلۇق (ئارىلىق) ئىدرىكى، ئېغىرلىق ئىدرىكى قاتارلىق يالغۇز بىر مۇكەممەل ئىدراكىي ئوبراز شەكىللىنىدۇ. مەسىلەن: بىر مېۋىنىڭ رەڭگىنى ياكى سىيانى كۆرۈپ ئىدراك قىلىش، بىر مېۋىنىڭ ھىدىنى پۇراپ ئىدراك قىلىش قاتارلىقلار. بۇ خىل ئىدراكنى سەزگۈ دەپ قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ خىل ئىنكاس شەيئىنىڭ ئايرىم خۇسۇسىيىتىنى ئەمەس، بەلكى ئۇ مەلۇم بىر تەرەپتىن مەلۇم شەيئىنى بىر پۈتۈن ھالدا ئەكس ئەتكەن. بىر شەكىل ئوخشىمىغان نۇقتا، سىزىق، يۈزلەرنىڭ بەلگىلىك مۇناسىۋىتىدىن قۇرۇلىدۇ. بىر يۈرۈش گىمناستىكا، بىر ئۇسۇل تۈرلۈك ھەرىكەتلەرنىڭ بەلگىلىك مۇناسىۋىتىدىن قۇرۇلىدۇ. مەلۇم بىر خىل ئانالىزاتوردىن ھاسىل بولغان ئىدراك شەيئىنىڭ پەقەت بىر تەرىپىنىڭ ئىنكاسى بولسىمۇ، لېكىن بۇ شەيئى ياكى مەلۇم خىلدىكى مۇناسىۋەتنىڭ مۇشۇ تەرىپىنى سىنتېزلاپ قىلىنغان بىر پۈتۈن ئىنكاسى. شۇڭا ئۇ سەزگۈ ئەمەس، ئىدراك؛ (3) ئىدراك ئوبيېكتى تۈرلۈك خۇسۇسىيەتلىك سەزگۈلەر بىرلەشمىسىدىن ئىبارەت بولىدۇ. مەسىلەن: ياغاچنىڭ سىزىقلىرىغا قاراپ، ياغاچ ماتېرىيالنىڭ قاتتىق يۇمشاقلىقى، ئېغىر - يىنىكلىكى، قۇرۇق - نەملىكىنى ئىدراك قىلىمىز. قىزىل، قىزغۇچ سېرىق، سېرىق رەڭلەرگە قاراپ، يېقىملىق رەڭنى ئىدراك قىلىمىز. قارائۆرۈككە قاراپ، ئۇنىڭ ئاچچىق - چۈچۈك تەمىنى ئىدراك قىلىمىز. بۇ خىل ئىدراكلاردا بىر خىل ئانالىزاتور پائالىيەت قىلسىمۇ، لېكىن باشقا خىلدىكى ئانالىزاتورلارنىڭ ئىلگىرى ھاسىل قىلغان تەجرىبىلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئىدراكىي ئوبراز ھاسىل قىلغاندا، يەنە ئوخشاشلا رول ئوينايدۇ.