Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىدراك
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئاڭ، چۈشەنچە، بىلىش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەمنىڭ پىكىر قىلىش قابىليىتى.
ئەقىل بىلەن ئەدەب قوشكېزەك، ئەقىل ھەسەندۇر، ئەدەب ھۈسەن. ئەقىل توزۇماس، بىلىم خورىماس. ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا. كېچىككەن ئەقىل _ ئورمىدىن كېيىن يامغۇر. بەخىتلىككە ئەقىلنىڭ نېمە كېرىكى، ئەقلى يوققا بەختنىڭ نېمە كېرىكى. ئەقىل بىلەن ئىدراك پەقەت ئاڭا يار، پۈتۈن تىلىسىز ئالەم پەرمانىغا يار. ئىدراكقا تولسا گەر ياشنىڭ قەلبى، ھەتتا قېرىلاردىن ئۆتىدۇ ئەقلى. كەپسىزنىڭ پاراسىتى يوق، غەمسىزنىڭ پاراغىتى. ئادەمنىڭ زېھنى ئىشلەتكەنسېرى ئېچىلىدۇ، ئىشلەتمىسە تۇتۇلىدۇ.
پسىخولوگىيە
بۇ ئانالىزاتورلارنىڭ تاشقى دۇنيادىكى جىسىم ياكى ھادىسىلەرنى بىر پۈتۈن ھالدا ئېلىپ بارغان بىۋاسىتە ئىنكاسى، مېڭىدە شەكىللەنگەن بىر پۈتۈن ھالدا ئەكس ئەتكەن ئوبرازنى بىلىش جەريانى. ئىدراك بىر خىل پسىخىك جەريان، ئۇنىڭ ئىنكاس نەتىجىسى ئىدراك ئىنكاسى دېيىلىدۇ. ئىدراك بىلەن سەزگۈ ھېسسىي بىلىش جەريانى ھېسابلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنى بىۋاسىتە ئەكس ئېتىش جەريانى، ھەر ئىككىسى رېئال خاراكتېرغا ئىگە. ھەر ئىككىسى بەلگىلىك زامان بىلەن ماكان چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. ئىدراك سەزگۈگە ئوخشىمايدۇ. چۈنكى ئىدراك پۈتۈنلۈك، تاللاشچانلىق، چۈشىنىشلىك، مۇقىملىق قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. سەزگۈ پەقەت شەيئىلەرنىڭ ئايرىم خۇسۇسىيەتلىرىنىڭلا ئىنكاسى. بالىنىڭ يېڭى تۇغۇلغاندا بىر قانچە خىل سەزگۈسىلا بولىدۇ. ئىككى - ئۈچ ئايدىن كېيىنلا ئاندىن ئىدراك پەيدا بولىدۇ. كىشىلەر ئىدراكقا ئىگە بولغاندىن كېيىن، سەزگۈ ئىدراكنىڭ تەركىبىي قىسمىغا ئايلىنىدۇ. لېكىن ئادەم كېسەل سەۋەبىدىن ئىدراكتىن ئايرىلسا، بىر قانچە سەزگۈ مۇستەقىل ھالدا ساقلىنىدۇ، پەلسەپىدە ۋە ئادەتتىكى تۇرمۇشتا، تارىختا سەزگۈ بىلەن ئىدراك پەرقلەندۈرۈلمەي كەلگەن، 1824 - يىلى فرانسىيىلىك فلورىن كەپتەرنىڭ مېڭىسى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ئېكسپېرمىنتال تەجرىبىسىگە ئاساسلىنىپ ئېلان قىلغان چوڭ مېڭىنىڭ بىر پۈتۈن فۇنكسىيىسى تەلىماتىدىلا سەزگۈ بىلەن ئىدراك پەرقلەندۈرۈلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىلىش، چۈشىنىش قابىلىيىتى؛ زېھىن، پەم، پاراسەت.
ئەقىلنىڭ ئۆلچىمى ئىدراك (ماقال).
<پەلس> ئوبيېكتىپ شەيئىنىڭ يۈزەكى ھادىسىلىرى ياكى تاشقى ئالاقىسى توغرىسىدىكى ئومۇملاشتۇرما ئىنكاس. ئۇمۇ تۇيغۇغا ئوخشاش ئوبيېكتىپ شەيئىنىڭ ئانالىزاتورلارغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىشى ئارقىسىدا پەيدا بولىدۇ.
<لوگ> ئوبيېكتىپ شەيئىنىڭ بىر پۈتۈن ئوبرازى ۋە يۈزەكى باغلىنىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن پسىخىكىلىق جەريان. ئىدراك ھېس ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ. ئەمما يەنە ھېسقا قارىغاندا مۇرەككەپرەك، مۇكەممەلرەك بولىدۇ.