Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىدراكسىز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەقلى يوق، كاللىسى ئىشلىمەيدىغان.
ئەقىلىسىزنىڭ پەمى يوق، گەپ - سۆزىنىڭ تەمى يوق. ئەقىلسىز باش _ جانسىز تەن. ئىدراكسىز باشىنىڭ دەردىنى پۇت تارتىدۇ. پاراسەتسىز پالاكەتكە يولۇقار. ئەقلىڭىز دۈمبىڭىزگە ئۆتۈپ قاپتۇ، _ دېدى شاھ مەخسۇت. ئۇ ھازىر تاراقلاپ يۈرىدۇ، بىراق ئۇ كاللىسى يوق، دۆلەت بىر نېمە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئىدراكى، ئەقلى يوق؛ زېھنى كۈچى تۆۋەن، ئەقىلسىز، پەمسىز.
ئىدراكسىز ئادەم.