Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىدراكىي دىققەت
پسىخولوگىيە
بۇ «تاشقى (سىرتقى) دىققەت» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پسىخىك پائالىيەت تاشقى دۇنيادىكى ئوبيېكتىپ شەيئىگە قارىتىلغان بولسا، ئۇ ئىدراكىي دىققەت ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: تەجرىبىدىكى رېئاكسىيىنى كۆزىتىش ياكى شوپۇرنىڭ ماشىنىنى كۆزىتىشى قاتارلىقلاردا دىققەت ئوبيېكتى تەجرىبىدىكى رېئاكسىيە بىلەن ماشىنا. بۇلار تاشقى دۇنيادىكى ئوبيېكتىپ شەيئى، تاشقى دىققەتنىڭ روشەن ھالدىكى تاشقى ئىپادىسى بولۇپلا قالماستىن بەلكى كىشىنىڭ ھەرىكىتىنى تەڭشەيدۇ، ئۇ يەنە ئورگانىزمنىڭ رېفلېكس پائالىيىتى بىلەن يېقىن باغلىنىشلىق.