Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىدرىس سۇلالىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1) شىئە مەزھىپى شىمالىي ئافرىقىدا قۇرغان ھاكىمىيەت (788 - 749) كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ ھاكىمىيەتكە ئاساس سالغان ئىدرىس Ⅰ(789 - يىلىدىن 793 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) ئىمام ھەسەننىڭ نەۋرىسى بولۇپ، 786 - يىلى ھىجازدا ئابباسىيلار سۇلالىسىغا قارشى قوزغىلىپ، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، مىسىرغا قېچىپ كەتتى. كېيىن ماراكەشكە بېرىپ، ئۆزى پادىشاھ بولۇۋېلىپ، يەرلىك قەبىلە پۇقرالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. فىسنى پايتەخت قىلدى. Ⅺ ئەسىرنىڭ 02 - يىللىرىدىن كېيىن، ئىچىكى جەھەتتە پارچىلىنىپ كەتتى. بەربەرلەر ۋە فاتىمىيە سۇلالىسىنىڭ زەربە بېرىشى ئارقىسىدا سۇلالە كۈنساناپ خارابلاشتى. 974 - يىلى كېيىنكى ئۇمەۋىيە سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى ھاكىم Ⅱ (961 - يىلىدىن 976 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇردى) قوشۇن ئەۋەتىپ بۇ سۇلالىنى ھالاك قىلدى. (2) سەنۇسىيلار سۇلالىسى (1837 - 1869) مۇ دېيىلىدۇ. سەنۇسىيلار جەمەتى تەسەۋۋۇپچىلىق ئاساسىدا لىۋىيىدە قۇرغان ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن ھۆكۈمەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ. سەنۇسى 1837 - يىلى مەككىدە زاۋىيە سېلىپ، ئەنئەنىچىلەر تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىپ، ئالجىرىيىگە قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئالجىرىيىنى فرانسىيە قوشۇنلىرى ئىشغال قىلىۋالغاچقا، لىۋىيىدىكى شەيلەنىكا قەبىلىسىنىڭ پۇقرالىرى ئىچىدە دىنىي تەبلىغات ئېلىپ باردى، مەدەنىي تەربىيە، ئىشلەپچىقىرىش، ھەربىي ئىشلارنى يولغا قويدى. سەنۇسى ئۆزىنى ئىمام مەھدى، دەپ ئاتاپ، ئىسلام دىنىنى گۈللەندۈرۈپ، كىشىلەر ئارىسىدىكى تەڭسىزلىكنى تۈگىتىشكە چاقىردى. ئوسمانلى سۇلتانىنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولدى ھەمدە ئىتالىيە ۋە فرانسىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا كۆپ قېتىم زەربە بەردى. 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدا تۈركىيە تەرەپتە تۇرۇپ، ئىتالىيىگە قارشى تۇرغانلىقتىن، دىنىي پىرقە باشلىقى سەييىد ئەھمەد شەرىف كېيىن ئىستامبولغا سۈرگۈن قىلىۋەتتى. 1922 - يىلى 8 - ئايدا ترىپولىتانىيىنىڭ ئەمرى دەپ ئېلان قىلىندى. 2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە پىرقىنىڭ رەھبرى سەئىد مۇھەممەد ئىدرس مىسىردا مۇساپىر بولۇپ يۈردى. 1951 - يىلى لىۋىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى بولدى. 1969 - يىلى كازافى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ئۇنى ئاغدۇرۇۋەتتى.