Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىدغام
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قوشۇش، بىرىكتۈرۈش، ئاسسىملىياتسىيە؛ ئەرەب تىلىدا بىر ھەرپنى تەكرار تەلەپپۇز قىلىش:
ئەگەر ھەرف ئولسا مۇدغام، ۋەھكى خالىڭ نۇفتە ئىدغامىن،
ئەيان قىلدى كۆزۈمنىڭ مەردۇمى ئىچرە مەقام ئەيلەپ.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قوشماق، بىر شەكىلدىكى ئىككى تاۋۇشنى بىر - بىرىگە بىرىكتۈرمەك؛ جىپسىلاشتۇرماق.