Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىبنى خەلدۇن
دۇنيا تارىخى
(1332 - 1406) ئەرەب تارىخشۇناسى، پەيلاسوپى. تۇنىسنىڭ كايروۋان دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. فېستا ھۆكۈمەت خىزمىتىدە بولغان. 1362 - يىلى ئىسپانىيەنىڭ گرانادا دېگەن يېرىگە بېرىپ كورۇل مۇھەممەد Ⅴ نىڭ ئوردا خىزمىتىدە بولغان. 1384 ـ يىلى مىسىر مەملۈكلەر خاندانلىقىنىڭ باش قازىسى بولغان. 1401 - يىلى دەمەشقتىكى تېمۇر قارارگاھىغا ئەلچى بولۇپ بارغان. <ئەرەبلەر، پارسلار، بەر - بەرلەر تارىخىدىن ئىبرەت ئېلىش ۋە ئۇنىڭ باش - ئاخىرى> دېگەن ئەسىرى بار. پۈتۈن كىتاب مۇقەددىمە، تېكىست ۋە قوشۇمچە بولۇپ ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن. جەمئىي يەتتە جىلد، تېكىستتە ئەرەبلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا مىللەتلەرنىڭ تارىخى بايان قىلىنغان، قوشۇمچىدە بەربەرلەر ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى ھەرقايسى مۇسۇلمان خاندانلىقلارنىڭ تارىخى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ بايان قىلىنغان. مۇقەددىمىدە تارىخ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مۇنداق بىر خىل نەزەرىيە ئوتتۇرىغا قويۇلغان: مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاك بولۇش قانۇنىيىتى شەرھلىنىپ، كىلىمات، يەر شارائىتى، ئەخلاق ۋە روھىي كۈچ قاتارلىق ئامىللارنىڭ تارىخ تەرەققىياتىدا ئوينايدىغان زور رولى چۈشەندۈرۈلگەن: تارىخ ئىلمىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى - پاكىتنى تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، ئۇلارنىڭ سەۋەبىيەت مۇناسىۋىتىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە تارىخ قانۇنىيىتىنى تېپىپ چىقىش؛ تارىخ ئىلمىنىڭ ئوبيېكتى - ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە بارلىق ماددىي مەدەنىيەت، مەنىۋىي مەدەنىيەتتىن ئىبارەت دەپ قارالغان. ئۇنىڭ تارىخ ئەسەرلىرى ئەرەب تارىخشۇناسلىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بەزى ئالىملار ئۇنى مەدەنىيەت تارىخىغا ئۇل سالغۇچى، دەپ قاراپ ئەرەبلەرنىڭ <تارىخ پەيلاسوپى> دەپ ئاتىغان.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(ئابدۇرەھمان ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى خەلدۇن، 1332 - 1406) ئىسلام تارىخچىسى. تۇنىستا دۇنياغا كەلگەن. ئەجداتى ئىسپانىيىدىكى ئەرەب ئاقسۆڭەكلىرىدىن. كىچىكىدىن ئەنئەنىۋى ئىسلام تەربىيىسى ئالدى. كۆپ خىل ئىلىملەردىن خەۋەردار بولدى. 1352 - يىلىدىن باشلاپ شىمالىي ئافرىقا ۋە ئىسپانىيە ئوردىلىرىدا مەنسەپ تۇتتى. 1374 - يىلى مەنسىپىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئۆيىدە كىتاب يېزىش بىلەن بەنت بولىدى. 1382 - يىلى مىسىرغا بېرىپ، مالىكىيەنىڭ قازى قۇزاتى بولدى. 1401 - يىلى دەمەشىقتىكى تۆمۈرلەڭ لاگىرىغا ئەلچى بولۇپ باردى. <ئەرەبلەر، پارسلار، بەربەرلەرنىڭ تارىخىي ئۆرنەكلىرى> گە تارىخ مۇقەددىمىسى< ناملىق ئەسەر يېزىپ بېرىپ، تارىخىي تەرەققىياتنىڭ نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىش - خاراب بولۇش قانۇنىيىتىنى ۋە كىلىمات، جۇغراپىيە، ئەخلاق ۋە مەنىۋى كۈچنىڭ تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدىكى غايەت زور رولىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تارىخشۇناسلىقنىڭ ئوبيېكتى ئىجتىمائىي ھايات ۋە جىمى ماددىي، مەنىۋى مەدەنىيەت، دەپ قارىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئەينى چاغدىكى ئىسلام تارىخىي ئىلمىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ، ئىبنى خەلدۇن ئىسلام تارىخى پەلسەپىسى، مەدەنىيەت تارىخى ۋە ئىجتىمائىي پەنلىرىگە دەسلەپ ئاساس سالغان ئادەم، دەپ قارالدى.