Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىبنى بەتۇتەنىڭ ساياھەت خاتىرىلىرى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەرەب جۇغراپىيە تارىخى ۋە خەلق ئادەتلىرىگە دائىر ئەسەر بولۇپ، بۇنى ئىبنى بەتۇتە يازغان. مۇئەللىپ دۇنيانى ئۈچ قېتىم ساياھەت قىلىپ كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى ۋاقىت تەرتىپى بويىچە بايان قىلغان. بىرىنچى قېتىملىق ساياھىتىدە (2513 - 1349) مىسىردىن يولغا چىقىپ سۈرىيە ئارقىلىق مەككىگە بېرىپ ھەج تاۋاپ قىلغان. مەككە ۋە مەدىنىدە تۇرغاندىن كېيىن ئىراق، ئىران، ئەزەربەيجانغا بېرىپ، باغدادقا قايتقان. 1330 - يىلى قىزىل دېڭىز قىرغىقىدىن يەمەن، تانزانىيىگە بېرىپ، ئومان، ئىرانغا قايتىپ، پرسىيە قولتۇقىدىن ئۆتۈپ مەككىگە بارغان. 1332 - يىلى مىسىر، سۈرىيەلەرنى ئەگىپ كىچىك ئاسىيا، كافكاز، كونىستانتىپول، ئافغانىستانلاردىن ھىندىستانغا بېرىپ، يېڭى دېھلىدا بىر مەھەل قازى بولغان. 3421 - يىلى سۇلتاننىڭ ئەلچىسى بولۇپ، جۇڭگوغا بارغان. ئۇزۇن يول يۈرۈپ، دېڭىز يولىدىن چۇچۇنگىچە كېلىپ، 1349 - يىلى 11 - ئايدا يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن. ئىككىنچى قېتىم (1350 - 1351) ئىسپانىيىدىكى ئاندروسقا بېرىپ، بىر يىل تۇرغان. ئۈچىنچى قېتىم (1352 - 1354) سەھرايى كەبىر قۇملۇقىدىن ئۆتۈپ مالى ئىمپېرىيىسىگە بارغان. 1354 - يىلى ماراكەشكە قايتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرىنى ئىبنى جوزان خاتىرىلەپ رەتلىگەن. ساياھەت خاتىرىلىرىدە كىشىلەرگە ئانچە تونۇش بولمىغان رايونلارنىڭ ماتېرىياللىرى، كىچىك ئاسىيا، شەرقىي ئافرىقا، غەربىي ئافرىقا، مالدىۋ تاقىم ئاراللىرى، ھىندىستانغا دائىر ئەھۋاللار تونۇشتۇرۇلۇپ، ئاسىيا، ئافرىقىنىڭ تارىخىنى، مىللەتلىرىنى، دىن، ئۆرپ - ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىشنىڭ ماتېرىيالى بولۇپ قالغان. بۇلار ئىچىدە جۇڭگونىڭ يۈەن سۇلالىسى ۋاقتىدىكى ئىسلام دىنىغا دائىر ئەھۋاللار مۇئەييەن پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە. بۇ ئەسەر ⅨⅩ ئەسىردە كۆپ خىل غەرب تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ، كەڭ تارقالغان. ما جىڭپىڭ تەرجىمە قىلغان خەنزۇچە نۇسخىسى 1985 - يىلى نىڭشا خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.