Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىبنى ئەرەبى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(مۇھىيددىن ئىبنى ئەرەبى، 1165 - 1240) ئىسلام دىنىدىكى تەسەۋۋۇپچى پەيلاسوپ. <شەيخ ئەكبەر> (ئۇلۇغ شەيخ) دېگەن نامغا ئىگە. ئىسپانىيىدىكى مۇرەسىيىدە دۇنياغا كەلگەن. 1201 - يىلى ماراكەشكە بارغان، ئۇ يەردىن مەككىگە بېرىپ ھەج قىلدى. كىچىك ئاسىيا ۋە سۈرىيە قاتارلىق جايلارنى ئايلاندى. دەمەشىقتە ئالەمدىن ئۆتتى. ئىبنى ئەرەبى ھاياتىدا يېڭى ئەپلاتونىزم تەلىماتىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئۇزۇندىن ساقلىنىپ كەلگەن <تەقدىرچىلىك> بىلەن <ئىرادە ئەركىنلىكى>، <ياخشىلىق> بىلەن <يامانلىق>، <ئاللانىڭ بىرلىكى> بىلەن <ئالەمدىكى مەۋجۇداتلارنىڭ كۆپ خىللىقى> قاتارلىق تالاش - تارتىش مەسىلىلىرىگە تەسەۋۋۇپچىلىق بىلەن جاۋاب بەرمەكچى بولدى. تەسەۋۋۇپچىلىقنى سىستېمىلىق <پان ئىلاھىزم> نەزەرىيىسىگە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنى ۋە ئىنساننىڭ ئەركىن ئىرادىسىنى <ئاللا> نىڭ ماھىيىتى ۋە سۈپىتىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قاراپ، <ئاللاھدىن ئۆزگە مەۋجۇتلۇق يوق> دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. <ۋەھدەئەل ۋۇجۇد> قاتارلىق مەشھۇر ھۆكۈملەرنى تەشەببۇس قىلدى. ئالەمدىكى مەۋجۇداتلارنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: ئاللا <يوشۇرۇن> ۋە <ئاشكارا> لىقتىن ئىبارەت ئىكى خىل مەۋجۇت بولۇش شەكلىگە ئىگە. ئاللا <يوشۇرۇن> ھالەتتە تۇرغاندا مەۋجۇت دۇنيا ئۆزىگە خاس <ئەسلىي شەكلى> بىلەن ئاللاغا يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ئاللانىڭ ئۆزىنى ئاشكارىلىشى بەش باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. يەنى <مۇتلەق> داۋاملىق قاتلام بويىچە ماھىيىتىنى، سۈپىتىنى، قىلمىشىنى، ئادەتتىكىلىكى ۋە ئايرىملىقىنى ئاشكارىلايدۇ؛ ئادەتتىكلىك دېگەنلىك <ئەسلىي شەكىلدىكى دۇنيا> دىن ئىبارەت. ئاللا ئۆزىنى ئاشكارىلىغاندا ياكى مەۋجۇت دۇنيا بولۇپ ئىپادىلىگەندە ئۇنىڭ <ئەسلىي شەكلى> بويىچە ئىپادىلىنىشى نىسپىي، رېئال مەۋجۇت بولىدۇ. مەۋجۇت دۇنيا شەكىل جەھەتتە كۆپ خىل بولۇپ، ئاللا بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ؛ لېكىن مەۋجۇت دۇنيا ماھىيەتتە ئەينەكتىكى مەۋھۇم سۈرەتتەك، ئاللانىڭ ئۆزىنى ئاشكارىلىشى ۋە سىرتقى كۆرۈنۈشىدىن ئىبارەت بولۇپ، دۇنيانى ئاللا ياراتتى، ئاخىر ئاللارغا قايتىدۇ. سۈپەت بىلەن ماھىيەت، مەۋجۇت دۇنيا بىلەن ئاللا ئوتتۇرىسىدا كۆرۈنۈش بىلەن ئىچكى قاتلامدەك بىلىنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئوخشاش بولىدۇ. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: ئىنسان (كىچىك دۇنيا) ئاللا ئوبرازىنىڭ ئىپادىلىنىشى يەنى ئاللا ئۇنىڭدىن ئۆزىنى كۆرىدىغان ئەينەكتۇر. شۇنداقلا ئىنسان ئاللانىڭ دۇنيا (چوڭ دۇنيا) دىكى خەلىپىسىدۇر. ئۇ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ھەربىر پەيغەمبەر ئاللانىڭ يولىنى تۇتقۇچى ۋە ئاللانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگۈچىدۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەممە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان <كامىل ئىنسان> دۇر. <كامىل ئىنسان> ئاللانىڭ جىمى سۈپەت ۋە ماھىيەتلىرىگە ئىگە بولىدۇ. ئاللا ئاشكارە بولغان ھالەتتە ئىنسان تونۇش جەريانىغا كىرەلەيدۇ. ئىنسان ئۆزىنى تونۇپ يەتكەندە رەببىنى - ئاللانى تونۇيالايدۇ؛ ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تونۇشى مەۋجۇت دۇنيانىڭ كۆپ خىللىقىنى تونۇپ يېتەلەيدۇ، ئۇنىڭ ماھىيەتتىكى بىرلىكىنى تونۇپ يېتەلمەيدۇ. <كامىل ئىنسان> لا نۇرغۇن كۆپ خىللىقلار ئىچىدىن ماھىيەتنىڭ بىرلىكلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيدۇ. كىشىلەر ماھىيەتلىك تۇنۇشقا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن، سىرلىق بىۋاسىتە تۇيغۇسىغا تايىنىشى كېرەك. ئىبنى ئەرەبى ئىسلام دىنىدا ئۇزۇندىن تالاش - تارتىش بولۇۋاتقان ئەركىن ئىرادە بىلەن تەقدىر، ئاللانىڭ بىرلىكى بىلەن مەۋجۇداتلارنىڭ كۆپ خىللىقى، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، ئادالەت بىلەن ئادالەتسىزلىك قاتارلىق مەسىلىلەرگە سوپىزم ئارقىلىق جاۋاب بېرىشكە تىرىشتى. ئىبنى ئەرەبى ئوبيېكتىپ دۇنيادىكى ھەممە ھادىسىلەر بىلەن ئىنساننىڭ ئەركىن ئىرادىسىنى ئاللانىڭ ماھىيىتى، سۈپىتى، ھەرىكىتىنىڭ ئاشكارىلىنىشى، دەپ قاراپ، پان ئىلاھىزم تەلىماتىنى تەرەققىي قىلدۇردى. ھەتتا كۆپ خىل دىن ۋە ئېتىقادلارنىڭ ئوخشاشلىقىنى تەشەببۇس قىلدى. نۇرغۇن ئەسەر يازدى (كىشىلەر 250 دىن 400 گىچە ئەسەر يازدى دېيىشىدۇ). <مەككە ئىلھامى> ۋە <ھېكمەت دۇردانىلىرى> ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسەرلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇلاردىن باشقا، <ئارزۇ سۆيگۈسى>، <پاك روھ> ۋە <ئېسىل مەرۋايىت> قاتارلىق ئەسەرلىرى ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام دۇنياسىدىكى قۇتبىدىن شىرازى (؟ - 1310)، جالالىدىن رۇمى، نۇرىددىن ئابدۇرەھمان بىننى ئەھمەد بىننى مۇھەممەد جامى، ئەبۇ ھەسەن ئەلى شازىلى (1197 - 1258) قاتارلىق كىشىلەرگە مۇھىم تەسىر كۆرسەتتى. ئۇلار شىمالىي ئافرىقىدا تەسەۋۋۇپچى پىرقىلەرنى قۇردى. بۇ پىرقىلەر يېقىنقى زاماندىكى شىمالىي ئافرىقىغا تەسىر كۆرسەتتى. ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋرۇپادىكى تانتىن ۋە مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدىكى جۇڭگو ئىسلام دىنىغا دائىر خەنزۇچە يازمىلاردىمۇ ئۇنىڭ تەسىرى بايان قىلىندى. ئىبنى ئەرەبى ئۆمرىدە ئىلمىي تەۋھىد تەتقىق قىلىش ۋە دەرس ئۆتۈش بىلەن شۇغۇللاندى. بۇلاردىن باشقا، تەسەۋۋۇپچىلىق، دىن، پەلسەپە، تەرجىمىھال ۋە شېئىر قاتارلىق نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازدى.