Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاۋسترىيە ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتى
دائىرە: دۇنيا تارىخى1945-يىلى فاشىستلار گېرمانىيىسى گۇمران بولۇشقا يېقىنلاشقان چاغدا، ئاۋسترىيە بۇرژۇئازىيىسنى قۇرغان جۇمھۇرىيەت. 1945-يىل 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، كارل رېننېر سوۋېت ئارمىيىسى ئۆتكۈزۈۋالغان رايوندا ئاۋستىريە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى، ئاۋستىرىيە خەلق پارتىيىسى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيە قاتناشقان بىرىنچى نۆۋەتلىك ۋاقىتلىق بىرلەشمە ھۆكۈمەتنى تەشكىللىگەن ۋە ئاۋسترىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېڭىۋاشتىن قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 9-ئايدا ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇق دائىرىسى غەرب ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىنىڭ ئىشغالىيىتىدىكى رايونىغىچە كېڭىيىپ، يېڭى بىرلەشمە ھۆكۈەت رەسمىي قۇرۇلغان ۋە ئاۋسترىيىنىڭ ئىتتىپاق جۇمھۇرىيتى ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغان. 12-ئايدا ئىتتىپاق پارلامېنتى كارل رېننېرنى جۇمھۇرىيەت زۇڭتۇڭلۇقىغا، لېئوپولد فېگېلنى ئىتتىپاق زۇڭلىلىقىغا سايلىغان. ئىتتىپاق زۇڭلىلىقىغا سايلىغان. ئىتتىپاق ھۆكۈمىتى 1955-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىلەر بىلەن <مۇستەقىل ۋە دېموركاتىك ئاۋسترىيىنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇش دۆلەت شەرتنامىسى> (يەنى <ئۋسترىيە دۆلەت شەرتنامىسى>) نى ئىمزالاپ، ئاۋستىريىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ھەمدە 1939-يىلقى دۆلەت چېگرىسىنىڭ ئىچىدىكى زېمىنىنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ساقلايدىغانلىقى، گېرمانىيە بىلەن ھەر قانداق سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىتتىپاق تۈزۈشنىڭ مەنئى قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 6-ئاينىڭ 7-كۈنى مىللىي پارلامېنت ئاۋسترىيىنىڭ «مەڭگۈ بىتەرەپ» تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 10-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىلەرنىڭ ئىشغالىيەتچى قوشۇنلىرى ئاۋسترىيىدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىققان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.