Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاۋسترىيە رومىنىيە شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
1883-يىل 10-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاۋسترو - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى بىلەن رومىنىيە ۋېنادا ئىمزالىغان مەخپىي شەرتنامە. ئۇنىڭدا رومىنىيىنىڭ ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىشىپ، روسىيىگە بىرلىكتە قارشى تۇرىدىغانلىقى؛ ئىككى تەرەپنىڭ زور خەلقئارا مەسىلىلەر ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشى بەلگىلەنگەن. 1888-يىلى گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيە ئالاھىدە بايانات ئېلان قىلىش ئارقىلىق بۇ شەرتنامىگە قاتناشقان. 1892-يىلى ئاۋسترو - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى رومىنىيە بىلەن يەنە مەزمۇنى ئوخشىشىپ كېتىدىغان يېڭى شەرتنامىنى ئىمزالاپ، 1896-يىلى ئۇنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتقان. رومىنىيە تەدرىجىي ھالدا ئەنگلىيە، فرانسىيىلەرگە مايىل بولغانلىقتىن، بۇ شەرتنامە يەنە 1902، 1913-يىللاردا ئىككى قېتىم قايتىدىن تۈزۈلگەن بولىسمۇ، ئەمما ئەمەلىي ئەھمىيىتىنى يوقاتقان.