Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاۋسترىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىجتىمائىي مۇلازىمەت كوپراتىپى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئاۋسترىيىدىكى ئىسلام دىنى خەير - ساخاۋەت تەشكىلاتى بولۇپ، 1962 - يىلى ۋېنادا قۇرۇلدى. مەقسىتى: ئوتتۇرا ياۋروپا، غەربىي ياۋروپادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېڭىنى كۈچەيتىش، ئىسلام دىنى بىلەن باشقا دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ سۆزلىشىشىگە ئىلھام بېرىش، يەرلىك مۇسۇلمانلارغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاۋسترىيىگە ساياھەت قىلىپ بېرىپ قالغان نېمىس تىلىدا سۆزلەيدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ئېھتىياجىغا كۆڭۈل بۆلۈش ھەمدە ئۇلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. ئىسلام مەركىزى ۋە مەسچىت سالدى. ئىسلام دىنىغا دائىر بىلىملەردىن لېكسىيە ئۇيۇشتۇردى. نېمىس، ئىنگلىز، تۈرك، ئەرەب، بوخمىرۋالد تىللىرىدا <داغدام يول>، <ئىسلام ۋە غەرب> ناملىق ژۇرناللارنى چىقىرىپ تۇردى. ئۇلار دۇنيا ئىسلام كېڭىشىنىڭ ئەزاسى.