Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاۋا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بالا تاپقان، بالىلىق بولغان ئەر كىشى. «ئاۋا» لوپنۇر دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ. «پەدەر» ، «ۋەلىد» لەر ئەرەبچە، كلاسسىك ئەدەبىياتتا ئۇچرايدۇ، ھازىر ئومۇمەن ئارخائىزمغا ياتىدۇ.
ئادەم ئاتا؛ ئاتىلار سۆزى؛ دۆلەت ئاتىسى؛ ئاتا مىراس؛ ئاتاڭغا رەھمەت؛ ئاتاڭغا لەنەت؛ ئاتاڭ ئايلانسۇن؛ ئاتا يوللۇق؛ ئاتىدارچىلىق؛ ئاتا تۇتماق؛ ئاتا بولماق؛ ئاتام زامان؛ ئاتام ئېيتقان بايقى؛ ئاتا كۆرگەن؛ ئانا كۆرگەن؛ ئاتام ئوغۇل بالا دەپ تاپقان. ئاتامنىڭ بالىسى بولماي كېتەي. ئات بولمىغان ئاتا قەدىرىنى بىلمەس. ئاتا كەمچىلىكى ئەمەس، لاتا كەمچىلىكى. ئاتا دۈشمىنىنى ئۆزۈڭگە دوست تۇتما. دادامغا يوق پۇرچاق ئانامغا نەدە؟ پەدەر ھايات بېرىدۇ، ئۇستاز نىجات بېرىدۇ.
شىۋىلەر
لوپنۇر شىۋىسى
ئاتا، دادا. مەسىلەن: سېنىڭ ئاۋاڭ مېنىڭ ئاۋامدىن چوڭ. مەسىلەن:
ئاۋاڭڭى ئاشىنى چىقار،
ئارام كالانى ياغىغا.
(ھارام كالىنىڭ يېغى بىلەن،
داداڭنىڭ نەزىرىسىنى بەرگىن).
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئاھ -ئاھ، ئۇھ - ئۇھ ئۇرۇشنى بىلدۈرىدىغان ئىملىق.ئەرەبلەرنىڭ «» دېگەن ئوخشاش. كىشى بىر يېرى ئاغرىسا. «» ئاۋا ئاۋا _ ئاھ- ئۇھ» دەيدۇ.
1 - 121
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
مەرتىۋىسى يۇقىرى كىشى. رىۋايەتلەردىكى ئوغۇزخاننىڭ نەۋرىسىنىڭ ئىسىمى.