Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاۋسترىيە دۆلەت شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
تولۇق نامى <مۇستەقىل ۋە دېموكراتىك ئاۋسترىيىنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇش دۆلەت شەرتنامىسى>. سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە تۆت دۆلەت ئاۋسترىيە بىلەن 1955-يىل 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ۋېنادا ئىمزالىغان. شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى يۇگوسلاۋىيە بۇ شەرتنامىگە قاتناشقان. ئاۋسترىيە 1938-يىلى 3-ئايدا گېتلر گېرمانىيىسى تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىنىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا گېرمانىيىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە قاتناشقان ھەمدە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان، ئۇرۇشتىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە تۆت دۆلەت تەرىپىدىن رايونغا ئايرىپ ئىشغال قىلىغان. بۇ شەرتنامىدە ئاۋسترىيىنىڭ يېڭىۋاشتىن مۇستەقىل بولىدىغانلىقى ئېتىراپ قىلىنغان ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە بەلگىىمىلەر چىقىرىلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: (1) ئاۋسترىيىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ، گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيىنىڭ قوشۇلۇشى مەنئى قىلىنىدۇ، ئاۋسترىيە بۇنىڭدىن كېيىن گېرمانىيە بىلەن ھېچاقنداق ئىتتىپاق تۈزمەيدۇ؛ (2) ئاۋسترىيىدە دېموكراتىك ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىنىپ، خەلقنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؛ (3) ئاۋسترىيە زېمىنىدىكى بارلىق ناتسىست تەشكىلاتلار تارقىتىۋېتىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ قايتا تىرلمەسلىكىە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؛ (4) ئاۋسترىيىنىڭ ئاتوم قوراللىرى ۋە بۇ شەرتنامىدە بەلگىلەنگەن باشقا قوراللارغا ئىگە بولۇشى، ياسىشى ۋە سىناق قىلىشىغا رۇخسەت قىلىمايدۇ؛ (5) 1946 - يىل 6-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى ئاۋسترىيىنى ئىدارە قىلغۇچى ئاپپاراتلار توغرىسىدىكى كېلىشىم، بۇ شەتنامە كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، ئاۋسترىيىدە تۇرۇشلۇق ئىتتىپاقداش قوشۇنلار كېچىككەندىمۇ 1955-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى چېكىندۈرۈپ بولۇنىدۇ؛ (6) دوناي دەرياسىدا قاتناش ئەركىنلىكى ۋە مال - مۈلۈك، ئىقتىادىي مەسىلىلەر قاتارلىقلارغا ۋە مال - مۈلۈك، ئىقتىسادىي مەسىلىلەر قاتارلىقلارغا ئائىت باشقا بەلگىلىمىلەر. شۇ يىلى 10-ئايدا ئاۋسترىيە ئۆزىنىڭ مەڭگۈ بىتەرەپ تۇرىدىغانلىقى، ھەرقانداق ھەربي گۇرۇھلارغا قاتناشمايدىغانلىقى، ئۆز زېمىنىدا چەت ئەل ھەربىي بازىلىرىنى قۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.