Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئافغان كارىدورى
دۇنيا تارىخى
ۋاھان كارىدورى ياكى ۋاھان جىلغىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمال بۇرجىكىدىكى تار ھەم ئۇزۇن جاي (شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 300 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئەڭ تار جاي 15 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئەڭ تار جاي 15 كىلومېتىر كېلىدۇ) بولۇپ، شەرق تەرىپى شىنجاڭ (جۇڭگو) بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ⅪⅩ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدائەنگلىيە بىلەن روسىيە پامىر رايونىنى تالاشقان. 1873-يىلى ئەنگلىيە بىلەن روسىيگە ئافغانىستان ۋە جۇڭگو ھۆكۈمەتلىرىدىن يوشۇرۇن ھالدا ئافغانىستاننىڭ شىمالدىكى چېگرىسىنى ئايرىش توغرىسىدا كېلىشىم تۈزگەن.كېلىشىمدە پەنج دەرياسى (ئامو دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى) ئافغانىستاننىڭ شەرقىي چېگرىسى بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. ئەنگلىيە چارروسىيىنىڭ جەنۇبقا كېڭىيىشىنى توسۇش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ئافغانىستاننى ئۆزىگە قاراشلىق ھىندىستان بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى پەسەيتكۈچى دۆلەتلە ئايلاندۇرماقچى بولغان. 1893-يىلى ئافغانىستاننى دامىغا چۈشۈرۈپ كېيىن ئافغان كارىدورى دەپ ئاتالغان تار ھەم ئۇزۇن بولغان بۇ جاينى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قوبۇل قىلدۇرغان ھەمدە ئۇنى ئامۇ دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى لوسان بىلەن سىغناندىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تەلىپىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئافغان كارىدورى شەكىللەنگەن.