Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئافرىقىدا ئىسلامىيەتنى ماسلاشتۇرۇش مۇدىرىيىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
پان ئىسلام تەشكىلاتى بولۇپ، 1976 - يىلى 5 - ئايدا ماۋرىتانىيىنىڭ پايتەختى نوۋاكشوتتا قۇرۇلدى. باش ئورگىنى 1977 - يىلى سېنېگالنىڭ پايتەختى داكارغا يۆتكەلدى. مەقسىتى: ئىسلام دىنىنى تەبلىغ قىلىش، ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ پائالىيىتىنى ماسلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. پان ئافرىقا دۆلەتلىرى يىغىنىنى قەرەللىك ئۇيۇشتۇرۇپ، ئافرىقا قۇرۇقلۇقىدىكى ئىسلام تەبلىغات خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلىپ تۇرىدۇ.