Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئافغانىستان غازاتچىلىرى ئىسلام ئىتتىپاقى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
قىسقارتىلىپ يەتتە پارتىيە ئىتتىپاقى دېيىلىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى ئافغانىستانغا <تەكلىپ قىلىنغان> دىن كېيىن، چەت ئەللەرگە چىقىپ كەتكەن قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلەشمە فرونتى بولۇپ، ئەسلىي مۇستەقىل تەشكىلاتلار ئىدى. ئىسلام مىللىي فرونتى؛ نەبى باشچىلىقىدىكى ئافغانىستان ئىسلام ئىنقىلابىي ھەرىكىتى؛ مۇجادىدى باشچىلىقىدىكى ئافغانىستان مىللىي ئازادلىق فرونتى؛ رابانى باشچىلىقىدىكى ئافغانىستان ئىسلام جەمئىيىتى؛ قۇلىبىددىن ھېكمەتيار ۋە ھارىس باشچىلىقىدىكى ئافغانىستان ئىسلام جەمئىيىتى؛ قۇلبىددىن ئىككى ئىسلام پارتىيىسى پاكىستاندا باش ئورگان قۇردى. 1980 - يىلى 3 - ئايدا ئۇلار <ئافغانىستاننى ئازاد قىلىدىغان ئىسلام ئىتتىپاقى> بولۇپ بىرلەشتى. ئىككىنچى يىلى پارچىلىنىپ كەتتى. 1982- يىلى يەنە بىرلىشىپ، ئىككى تەرەپ، يەنى ئافغانىستان غازاتچىلىرىنىڭ ئىسلام ئىتتىپاقى (ئىسلام پارتىيىسى، ئىسلام جەمئىيىتى، ئىسلام پارتىيىسىنىڭ ھارىس تەرەپدارلىرى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپتى) ۋە ئافغانىستان غازاتچىلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىق فرونتى (ئىسلام مىللىي فرونتى، ئىسلام ئىنقىلابىي ھەرىكىتى، مىللىي ئازادلىق فرونتىدىن تەركىب تاپتى) بولۇپ شەكىللەندى. 1985 - يىلى 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى يۇقىرىقى ئىككى تەرەپ ۋە <ئافغانىستاندىكى ئازاد قىلىدىغان ئىسلام ئىتتىپاقى> كېڭىشىش ئارقىلىق <ئافغانىستان غازاتچىلىرىنىڭ ئىسلام ئىتتىپاقى> نى قۇردى. بۇ تەشكىلاتقا قاتناشقان رەھبەرلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ باياناتچىلىق ۋەزىپىسىنى نۆۋەت بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، ئۈچ ئايدا بىر قېتىم ئالمىشىپ تۇردى. 1992 - يىلى 4 - ئايدا كابۇلغا كىرىپ، دۆلەتنىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋالدى.