Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئافرىقاكارايىپ ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر گۇرۇھى
دۇنيا تارىخى
تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارالىق ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى. 1975-يىل 6-ئاينىڭ 6-كۈنى گۋىئانانىڭ پايتەختى گېئورگېتاۋندا قۇرۇلغان. دەسلەپتە غەربىي ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى بىلەن <لومى كېلىشىمى>نى ئىمزالىغان كامېرون، توگو، كونگو، گۋىئانا قاتارلىق 46 دۆلەت ئۇنىڭغا ئەزا بولغان. 1980-يىلى 11-ئايدا ئەزا دۆلەتلەر 60 كە يەتكەن. تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى <لومې كېلىشىمى> نىڭ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئەزا دۆلەتلەر شۇنىڭدەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بارلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا سودا، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق مۇناسىۋەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە سودا، تېخنىكا، سانائەت ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى جەھەتلەردە ئاخبارات ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ رايون ئىچى ۋە ھەر قايسى رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دۇنيا ئىقتىسادىي تەرتىپى ئورنىتىشنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت. 1979-يىلى 10-ئايدا، بۇ گۇرۇھ ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى بىلەن ئىككىنچى قېتىملىق<لومې كېلىشىمى> نى ئىمزالىغان. 1982-يىلى 3-ئايدا ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى كومىتېتى بۇ گۇرۇھتىكى دۆلەتلەرنى يېڭى قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەشنى تەستىقلىغان. ئاساسلىق ئورگانلىرىدىن مىنىستىرلار مۇدىرىيىتى، باش ئەلچىلەر كومىتېتى ۋە كاتىبات باشقارمىسى قاتارلىقلار بار.